زەبۇر 99 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى99-مۇناجات 1 ئەڭ ئالىي ھۆكۈمراندۇر پەرۋەردىگار! ئۇ كېرۇبلار ئوتتۇرىسىدا تەختتە ئولتۇرار، ئۇنىڭدىن ئەيمىنىپ تىترىسۇن پۈتكۈل قوۋملار، ھەيۋىسىدىن زىلزىلىگە كەلسۇن ھەممە جايلار. 2 ھۆكۈمراندۇر سىئونغا پەرۋەردىگار، ئۇ بارلىق قوۋملار ئۈستىدىن ھۆكۈم سۈرەر. 3 مۇقەددەستۇرسەن ئى پەرۋەردىگار، ھەيۋەتلىك، بۈيۈك نامىڭنى مەدھىيەلىسۇن ئۇلار. 4 ئى ئادالەت سۆيگۈچى قۇدرەتلىك شاھىمىز _ خۇدا، ئادىللىقنى ئورناتقانتىڭ ياقۇپ ئەۋلادلىرى ئارىسىغا، ئادالەت ۋە ھەققانىيەت ئەمەلگە ئاشقانىدى ئۇلاردا. 5 پەرۋەردىگارىمىزنى ئۇلۇغلاڭلار، ئايىغىغا باش قويۇپ سەجدە قىلىڭلار. چۈنكى ئۇ مۇقەددەستۇر! 6 مۇسا ۋە ھارۇنلار ئۇنىڭ روھانىيلىرىدىندۇر، سامۇئىلمۇ ئۇنىڭغا ئىلتىجا قىلغانلاردىندۇر. ئۇلار دۇئا قىلغاندا پەرۋەردىگارغا، بەرھەق ئۇ جاۋاب بەرگەنىدى ئۇلارغا. 7 پەرۋەردىگار سۆزلىگەنىدى بۇلۇت تۈۋرۈكى ئىچىدىن ئۇلارغا، ئۇلار ئەمەل قىلىشتى خۇدا بەرگەن پەرز-پەرمانلارغا. 8 ئى ئىگىمىز پەرۋەردىگار، جاۋاب بەردىڭ ئۇلارغا. ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلدىڭ دائىما، ئەمما جازالىدىڭ ئۇلارنى توۋا قىلمىغىنىدا. 9 پەرۋەردىگارىمىزنى ئۇلۇغلاڭلار، مۇقەددەس سىئون تېغىدا ئۇنىڭغا سەجدە قىلىڭلار، چۈنكى مۇقەددەستۇر پەرۋەردىگارىمىز! |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti