Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

زەبۇر 98 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


98-مۇناجات

1 پەرۋەردىگارغا بېغىشلاپ ئېيتىڭلار يېڭى ناخشا، چۈنكى ئاجايىپ مۆجىزىلەر ئىگىسىدۇر خۇدا، مۇقەددەس بىلىكى، ئوڭ قولى زەپەر بەرگەندۇر ئۇنىڭغا.

2 قىلدى خۇدا نامايان غەلىبىسىنى ھەممىگە، ئادالىتىنى كۆرسەتتى جاھاندىكى ئەللەرگە.

3 ئۇ يەتكۈزدى ئىسرائىللارغا مېھىر ۋە مۇھەببىتىنى، ئۇنتۇمىدى ئۇ زىنھار ئىسرائىللارغا بولغان ساداقىتىنى، بارچە ئاۋام كۆردى ھەم ئىگىمىزنىڭ ئۇتۇقىنى.

4 ئەي بارچە ئىنسانلار، ئالقىش ياڭرىتىڭلار خۇداغا، خۇش بولۇپ مەدھىيەلەر ئوقۇڭلار ناخشاڭلاردا ئۇنىڭغا.

5 خۇداغا ئاتاپ لىرا بىلەن نەغمە-ناۋا قىلىڭلار، ھەم ئۇنىڭغا لىرا بىلەن ناخشا-غەزەل ئېيتىڭلار.

6 ياڭرىتىڭلار ئالقىشلار پادىشاھىمىز خۇداغا، ئالقىشىمىز بولسۇن ئاڭا كاناي بىلەن بۇرغىدا.

7 جۇشقۇنلىسۇن دېڭىز ۋە ئۇنىڭدىكى جانلىقلار، قىلسۇن قىزغىن تەنتەنە زېمىن يەنە جانلىقلار.

8 چاۋاك چالسۇن خۇداغا خۇشاللىقتىن دەريالار، شادلىق بىلەن خۇدانى كۈيگە قاتسۇن ھەم تاغلار.

9 چۈنكى پەرۋەردىگار جەزمەن كېلىدۇ ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا، كېلىدۇ دۇنيانى ئادالەتتە، خەلقلەرنى ھەققانىي باشقۇرۇشقا.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan