زەبۇر 97 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى97-مۇناجات 1 ئەڭ ئالىي ھۆكۈمراندۇر پەرۋەردىگار، خۇشاللانسۇن بۇنىڭدىن ھەممە خەلقلەر، شادلانسۇن ھەتتا ئەڭ يىراقتىكى ئەللەر. 2 سىرلىق ۋە پىنھانلىق ئارا تۇرار پەرۋەردىگار، ھەققانىيەت، ئادالەتتە تەختى ئۇنىڭ مەزمۇت تۇرار. 3 ئوتلار لاۋۇلداپ كۆيۈپ تۇرار ئالدىدا، رەقىبلىرىنى كۆيدۈرۈۋېتەر ھەرياندا. 4 چاقمىقىنى چاقتۇرۇپ يورۇتار ئۇ جاھاننى، يەر-زېمىن تىترەپ كېتەر كۆرۈپ بۇنى. 5 مومدەك ئېرىپ كېتەر بۈيۈك تاغلار ھەتتا، ئالەمنىڭ ھۆكۈمرانى پەرۋەردىگار ئالدىدا. 6 ئەرشلەر جاكارلار ئۇنىڭ ھەققانىيلىقىنى، جىمى خەلقلەر كۆرەر ئۇنىڭ شان-شەرىپىنى. 7 شەرمەندىلىكتە قالار ئاخىر بۇتپەرەسلەر، ئەرزىمەس بۇتلىرىنى ماختىغانلار. پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلار بارلىق «ئىلاھلار». 8 ئى پەرۋەردىگار، شادلاندى ئادالىتىڭدىن پۈتۈن يەھۇدىيە شەھەرلىرى، خۇشاللىققا چۆمدى سىئون ئاڭلاپ ھۆكۈملىرىڭنى. 9 بەرھەق، ئى پەرۋەردىگار، جاھانغا ھۆكۈمران ئۇلۇغ خۇدادۇرسەن، غەيرىي ئىلاھلاردىن شۇقەدەر ئۈستۈندۇرسەن. 10 ئەي پەرۋەردىگارنى سۆيگەنلەر، ئۆچ كۆرۈڭلار يامانلىقنى، پەرۋەردىگار قوغدار ئۆز تەقۋادارلىرىنىڭ جېنىنى، قۇتقۇزار رەزىللەرنىڭ چاڭگىلىدىن ئۇ سادىقلارنى. 11 نۇر خۇددى ئۇرۇقتەك چېچىلغاندۇر ھەققانىيلارغا، شادلىق تېرىلغاندۇر دىلى دۇرۇسلارغا. 12 ئەي ھەققانىيلار، پەرۋەردىگاردىن خۇشاللىنىڭلار، مۇقەددەسلىكىنى ياد ئېتىپ ئۇنىڭغا شۈكۈر ئېيتىڭلار. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti