Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

زەبۇر 95 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


95-مۇناجات

1 ناخشا ئېيتايلى كېلىڭلار پەرۋەردىگارغا بېغىشلاپ، قورام تاشتەك قۇتقۇزغۇچى خۇدانى مەدھىيەلەيلى ئالقىشلاپ.

2 ھۇزۇرىغا خۇدانىڭ شۈكۈر ئېيتىپ كىرەيلى، تەنتەنە بىلەن ئۇنىڭغا ناۋا قىلىپ مەدھىيەلەر ئېيتايلى.

3 چۈنكى خۇدا _ ئىگىمىز پەرۋەردىگار ئۇلۇغدۇر، ئۇ بىر بۈيۈك پادىشاھ، بارلىق «ئىلاھلار»دىن ئۈستۈندۇر.

4 چوققىلاردىن تاكى ئەڭ چوڭقۇر يەرلىرىگىچە زېمىننىڭ، جىمىسى ئۇنىڭ قولىدا، مۈلكىدۇر ئۇنىڭ.

5 دېڭىز-ئوكيانلار تەۋەدۇر خۇداغا، ئۇ ياراتقان ئۇلارنى، زېمىن ئاڭا مەنسۇپتۇر، قوللىرى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن ئۇنى.

6 سەجدە قىلايلى كېلىڭلار پەرۋەردىگارغا، ياراتقۇچىمىز ئۇ بىزنىڭ تىز پۈكەيلى ئۇنىڭغا.

7 چۈنكى ئۇ بىزنىڭ خۇدايىمىزدۇر، بىز ئۇنىڭ غەمخورلۇقىدىكى قوۋمدۇرمىز، ئۇ پەرۋىش قىلىۋاتقان قويلىرىدۇرمىز.

8 بۈگۈن ئۇنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سالساڭلار ئەگەر، ئۇ دەركى: «جاھىل بولماڭلار ئەجدادىڭلار مىرىبادا بولغىنىدەك، چۆل-باياۋان ماسساھتا تەرسالىق قىلغىنىدەك.

9 ئاتا-بوۋاڭلار ئەنە شۇ يەردە مېنى سىنىغانىدى، مۆجىزىلىرىمنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ مېنى تەكشۈرگەنىدى.

10 مەن قىرىق يىلغىچە يىرگىنىپ ئەجدادلىرىڭلاردىن، دېدىمكى: ‹ئۇلارنىڭ قەلبى يىراقتۇر مەندىن، ماڭماس ئۇلار مېنىڭ يولۇمدىن.›

11 قەسەم قىلىپ ئېيتتىم يەنە غەزەپتە شۇڭا: ‹كىرەلمەس ئۇلار مېنىڭ ئارامگاھىمغا.›»

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan