زەبۇر 94 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى94-مۇناجات 1 ئى جازالىغۇچى پەرۋەردىگار، ئى خۇدا، ئى جازالىغۇچى پەرۋەردىگار، چاچقىن جۇلا. 2 ئى جاھان سوراقچىسى، چىقىپ ئوتتۇرىغا، لايىقىدا جازا بەرگىن تەكەببۇرلارغا. 3 ئى پەرۋەردىگار، رەزىللەر قاچانغىچە ماختىنار، قاچانغىچە بېشىنى كۆتۈرۈپ يۈرۈشەر ئۇلار؟ 4 ۋالاقشىيدۇ تەكەببۇرلۇق بىلەن ئۇلار، پو ئاتىدۇ ئۇ يامانلىق قىلغۇچىلار! 5 سەن تاللىغان قوۋمىڭنى ئېزىپ ئۇلار، ساڭا تەۋە بولغانلارغا جەبىر سالار. 6 قىرغىن قىلىپ تۇل خوتۇن، غېرىبلارنى، ئۆلتۈرىدۇ پاناھسىز يېتىملارنى. 7 ئۇلار دەر: «كۆرمەيدۇ پەرۋەردىگار، ياقۇپنىڭ خۇداسى بىلمەيدۇ زىنھار.» 8 ئەي ئەلنىڭ ھاماقەتلىرى، ئويلاپ بېقىڭلار! ئەي ئەخمەقلەر، قاچان بولار ئەقلىڭلار؟ 9 ئاڭلىماسمۇ قۇلاقنى ياراتقۇچى؟! كۆرمەسمۇ كۆزنى ئاتا قىلغۇچى؟! 10 يات ئەللەرنى جازالىغۇچى خۇدا جازالىماسمۇ سىلەرنى؟ ئىنسانغا ئەقىل ئۆگەتكۈچى تەربىيەلىمەسمۇ ئادەمنى؟ 11 خۇدا بىلىدۇ ئىنساننىڭ ئوي-پىكرىنى، بىھۇدىدۇر خىياللارنىڭ ھەممىسى. 12 بەختلىكتۇر سەن تەربىيەلىگەن كىشى، ئى پەرۋەردىگار، ئىنسان تەربىيەڭدىن، تەلىمىڭدىن بەخت تاپار! 13 سەن ئۇلارنى ئامان قىلىسەن يامان كۈنلەردە، تاكى يامانلار ئورىغا چۈشۈپ ھالاك بولغۇچە. 14 پەرۋەردىگار ئۆز قوۋمىنى تەرك ئەتمەس، ئۆزىگە مەنسۇپ بولغانلارنى تاشلاپ كەتمەس. 15 ھۆكۈم-پەرمان ھوقۇقى قايتار ھامان ئادالەتكە، قەلبى پاكلار ھىمايە قىلار ئادالەتنىڭ كەينىدە. 16 رەزىللەردىن قوغدايدۇ مېنى كىم چىقىپ ئوتتۇرىغا؟ كىم تۇرار مەن تەرەپتە قارشى ھالدا يامانلارغا؟ 17 ئەگەر ياردەم بەرمىگەن بولسا ئىدى ماڭا خۇدا، ياتار ئىدىم جىمجىتلىق قاپلىغان ئۆلۈكلەر ماكانىدا. 18 ئى پەرۋەردىگار، تېيىلىپ كېتەي دېگىنىمدە، يۆلىدىڭ مېنى مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭدە. 19 غەم-قايغۇ، ئەندىشىدە قالغىنىمدا، شادلاندۇرىسەن تەسەللى بېرىپ ماڭا. 20 ساڭا دوست بولالماس چىرىكلەشكەن ئەمەلدارلار، قانۇننى قالقان قىلار قىلغانلىرىدا ئەسكى ئىشلار. 21 ئۇلار بىرلىشەر ھەققانىيلارنى ئۆلتۈرۈشكە، ھۆكۈم قىلار بىگۇناھلارنى ئۆلۈمگە. 22 پەرۋەردىگار قورغىنىمدۇر، پاناھگاھىم _ قورام تېشىمدۇر. 23 گۇناھلىرى ئۈچۈن خۇدا ئۇلارنى جازالار، رەزىللىكى ئۈچۈن خۇدا ئۇلارنى ھالاك قىلار، شۇنداق، پەرۋەردىگارىمىز ئۇلارنى قىرىپ تاشلار. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti