زەبۇر 92 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى92-مۇناجات دەم ئېلىش كۈندە ئېيتىلىدىغان مۇناجات 1 ئى پەرۋەردىگار، نەقەدەر بەختتۇر ساڭا شۈكۈر ئېيتىش، ئى ئۇلۇغ خۇدا، نەقەدەر بەختتۇر نامىڭنى ناخشىغا قېتىش. 2 بايان ئەيلەپ مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭنى سەھەردە، ساداقىتىڭنى تەرىپلەش ھەربىر كېچىدە _ 3 ئون تارلىق ساز ۋە چىلتارنىڭ ناۋاسىدا، لىرانىڭ يېقىملىق مۇڭلىرىدا. 4 چۈنكى مېنى شادلاندۇردۇڭ كارامەتلىرىڭدە ئى خۇدا، ماڭا قىلغان ئەجرىڭدىن ناخشا ئېيتارمەن خۇشاللىقتا. 5 ئى پەرۋەردىگار، نەقەدەر بۈيۈك سېنىڭ مۆجىزىلىرىڭ. شۇنچىلىك يۈكسەك، نىيەت، مەقسەتلىرىڭ. 6 تۆۋەندىكى ھەقىقەتنى بىلمەس نادان ئادەملەر، چۈشەنمەيدۇ ئۇنى يەنە ھاماقەت ۋە ئەخمەقلەر. 7 گەرچە ئوت-چۆپ ئۆسكەندەك تېز ئۆسسىمۇ رەزىللەر، شۇنچە گۈللەپ ياشنىسىمۇ ھەمدە بارلىق پەسكەشلەر، لېكىن مەڭگۈلۈك ھالاكەتكە دۇچاردۇر ئۇلار. 8 ھەممىگە مەڭگۈ قادىردۇرسەن، ئى پەرۋەردىگار. 9 مانا قارا، دۈشمەنلىرىڭ مۇقەررەركى ھالاك بولار، تىرىپىرەن بولىدۇ ھەم يامانلىق قىلغۇچىلار. 10 لېكىن ياۋا بۇقىدەك كۈچلەندۈردۈڭ سەن مېنى، ھەم بېشىمغا سۈركىدىڭ روھلاندۇرغۇچ مېيىنى. 11 كۆردۈم دۈشمەنلىرىمنىڭ مەغلۇبىيىتىنى، ئاڭلىدىم رەزىل رەقىبلىرىمنىڭ يىغا-زارىنى. 12 خۇددى خورما دەرىخىدەك گۈللەپ ياشنار ھەققانىيلار، ھەم يەنە لىۋاندىكى كېدىر دەرىخىدەك ئاينىپ ئۆسەر. 13 تىكىلگەندۇر ئۇلار پەرۋەردىگار ھۇزۇرىغا، گۈللەپ ياشنار ئىگىمىزنىڭ ھويلا-ئاراملىرىدا. 14 قېرىسىمۇ ئۇلار يەنە بېرىدۇ مېۋە، بۈك-باراقسان كۆكىرىپ تۇرار ھەمىشە. 15 شۇڭا ئۇلار دەيدۇكى: «پەرۋەردىگار ئادىلدۇر، ئادالەتلىك ئۇ دائىم، قورام تاشتەك پاناھىمىز خۇدادۇر.» |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti