زەبۇر 91 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى91-مۇناجات 1 كىمكى ماكان تۇتسا ئۇلۇغ خۇدانىڭ پاناھىدا، ياشار ئۇ ھەممىگە قادىر خۇدا سايىسىدا. 2 ئېيتارمەن پەرۋەردىگارغا: «باشپاناھىم، قورغىنىمسەن، ئىشەنچىمنى باغلىغان خۇدايىمسەن.» 3 بەرھەق، خۇدا قۇتقۇزار سېنى قىلتاقچىنىڭ قىلتاقلىرىدىن، قىرغىن قىلغۇچى ۋابادىن. 4 بۈركۈت كەبى ئۇ قاناتلىرى ئاستىغا ئالار سېنى، سەن ئۈچۈن پاناھ بولار ئۇنىڭ قاناتلىرى، قالقان ۋە ئىستىھكامىڭ بولار ساداقىتى. 5 قورقماسسەن نە كېچىنىڭ ۋەھىمىسىدىن، نە كۈندۈزى ئېتىلغان ئوقتىن. 6 نە قاراڭغۇدا بىلدۈرمەي تارقالغان ۋابادىن، نە يورۇقتا كەلگەن ئەجەللىك ئاپەتتىن. 7 گەرچە مىڭلىغان كىشىلەر يىقىلسىمۇ بۇ يېنىڭدا، تۈمەنلىگەن جەسەتلەر ياتسىمۇ ئۇ يېنىڭدا، بالا-قازالار ھېچ يېقىنلاشماس ساڭا. 8 كۆرىسەن پەقەت ئۆز كۆزۈڭ بىلەن بۇ ئىشلارنى، پاسىقلارنىڭ قانداق جازالانغىنىنى. 9 پەرۋەردىگارنى پاناھ قىلغىنىڭ ئۈچۈن، ئۇلۇغ خۇدانى قورغىنىم دەپ بىلگىنىڭ ئۈچۈن، 10 ھېچبىر يامانلىق كەلمەس بېشىڭغا، ھېچ ۋابا يېقىنلاشماس چېدىرىڭغا. 11 پەرۋەردىگار ئەمر بېرەر سەن ئۈچۈن پەرىشتىلىرىگە، ئۇلار قوغدار سېنى ھەممە يوللىرىڭدا. 12 يۈرەر پەرىشتىلەر سېنى كۆتۈرۈپ قوللىرىدا، ئۇرۇلۇپ كەتمىسۇن دەپ پۇتلىرىڭ بىرەر تاشقا. 13 بېسىپ دەسسەيسەن يىلان ۋە شىرنى، چەيلەيسەن زەھەرلىك يىلان ۋە ئارسلاننى. 14 دەيدۇكى پەرۋەردىگار: «مېنى سۆيگەنلىكى ئۈچۈن ئۇنى قۇتقۇزىمەن. مېنى تونۇغانلىقى ئۈچۈن قوغدايمەن. 15 جاۋاب بېرىمەن ئىلتىجا قىلغىنىدا، ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولىمەن ئېغىر كۈنلىرىدە، قۇتقۇزۇپ ئۇنى، سازاۋەر قىلىمەن شۆھرەتكە. 16 ئۇزۇن ئۆمۈر ئاتا قىلىپ، مەمنۇن قىلىمەن ئۇنى، بېرىمەن ئۇنىڭغا نىجاتلىقىمنى.» |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti