زەبۇر 9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى9-مۇناجات داۋۇت يازغان مۇناجات بولۇپ، «مۇت-لاببەن»دە ئېيتىلسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان. 1 ئى خۇدا، چىن دىلىمدىن ئېيتىمەن تەشەككۈرۈمنى، بايان ئەيلەپ سېنىڭ پۈتكۈل كارامەتلىرىڭنى. 2 سەندىن ئالدىم خۇشاللىق، شادلىقىمنى، ئى ئۇلۇغ خۇدا، كۈيلەيمەن نامىڭنى. 3 دۈشمەنلىرىم مەغلۇپ بولۇپ قاچقىنىدا، ھالاك قىلىسەن ئۇلارنى ئالدىمدا. 4 چۈنكى، مېنى ئاقلىدىڭ سەن ھەق دەۋايىمدا، ئادالەتلىك سوتچى بولۇپ سەلتەنەتلىك ئورنۇڭدا. 5 سوراق قىلىپ يات ئەللەرنى، ھالاك قىلدىڭ رەزىل خەلقلەرنى، ئۆچۈرۈۋەتتىڭ مەڭگۈگە ناملىرىنى. 6 دۈشمەنلەر ۋەيران بولدى ئەبەدكە، ئايلىنىپ شەھەرلىرى خارابىلىككە. قالمىدى ئۇ جايلارنىڭ ناملىرى تارىخ بېتىدە. 7 پەرۋەردىگار ئولتۇرار مەڭگۈ شاھلىق تەختىدە، ھۆكۈم ئۈچۈن قۇرغاندۇر ئۇ تەختىنى ئەسلىدە. 8 دۇنيانى ئۇ سوراق قىلار ئادالەتتە، ئادىل ھۆكۈم چىقىرار خەلقلەرگە. 9 پەرۋەردىگار قورغاندۇر ئېزىلگەنلەرگە، پاناھ بولار ئۇ دائىم ئازابلىق كۈنلەردە. 10 سېنىڭ پەزىلەتلىرىڭنى بىلگەنلەر ئىشەنچىسىنى باغلار ساڭا، چۈنكى، تەرك ئەتمەيسەن ساڭا تەلپۈنگەنلەرنى، ئى خۇدا. 11 كۈيلەڭلار سىئوندا ھۆكۈم سۈرگەن پەرۋەردىگارنى، بايان ئەيلەپ ئەللەر ئارا ئۇنىڭ بۈيۈك ئەجرىنى. 12 چۈنكى، ئۇ ئالغۇچىدۇر تۆكۈلگەن قاننىڭ ھېسابىنى، ياد ئېتىپ بىچارىلەرنى، ئۇنتۇماس ئۇلارنىڭ پەريادىنى. 13 ئى پەرۋەردىگار، شەپقىتىڭنى كۆرسىتىپ ماڭا، قۇتقۇز مېنى ئۆلۈمنىڭ گىردابىدىن. قارىغىن، ئۆچمەنلەرنىڭ ماڭا سالغان ئازابىغا. 14 بايان ئەيلەي قۇدرىتىڭنى خەلقنىڭ ئالدىدا، سىئون شەھىرىنىڭ دەرۋازىلىرىدا. نىجاتلىقىڭدىن چۆمۈلەي شادلىققا. 15 يات ئەللەر چۈشتى ئۆزلىرى كولىغان ئورىغا، پۇتلىرى ئىلىنىپ قالدى يوشۇرۇپ قويغان تۇزاققا. 16 ھۆكۈمى بىلەن تونۇتتى ئۆزىنى پەرۋەردىگار، يامانلىقلىرى بىلەن چۈشىلىپ قالدى يامانلار. خىگگائون سېلاھ 17 قەبرىلەرگە كىرىپ كېتەر يامانلار، خۇدانى ئۇنتۇغان بارلىق قوۋملار. 18 مەڭگۈلۈك ئۇنتۇلۇپ كەتمەس بۇ دۇنيانىڭ يوقسۇللىرى، ئەمەلگە ئاشماي قالماس ئېزىلگەنلەرنىڭ ئارزۇلىرى. 19 ئى پەرۋەردىگار، ياردەم قىل، غالىب كەلمىسۇن رەزىللەر، ئالدىڭدا سوراق قىلىنسۇن يات ئەللەر. 20 ئى پەرۋەردىگار، قورقۇنچقا سالغىن ئۇلارنى، بىلىپ يەتسۇن ئۇلار پەقەتلا بەندە ئىكەنلىكىنى. سېلاھ |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti