Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

زەبۇر 89 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


89-مۇناجات
ئەزراخنىڭ ئوغلى ئېتان يازغان تەربىيەۋى مۇناجات

1 پەرۋەردىگار مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭنى ئەبەدىي كۈيلەيمەن، ساداقىتىڭنى ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە بايان ئەيلەيمەن.

2 جاكارلايمەنكى مۇھەببىتىڭ مەڭگۈ ئۆزگەرمەس، ساداقىتىڭ ئەرشئەلادەك مەزمۇت، تەۋرەنمەس.

3 رەببىم، سەن دېدىڭكى: «تاللىۋالغان بەندەم بىلەن ئەھدە قىلدىم، قۇلۇم بولغان داۋۇتقا قەسەم قىلدىم.

4 سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭنى ئەبەدىي خانىدانلىققا ئىگە قىلىمەن، نەسلىڭنىڭ تەختكە ۋارىسلىق قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىمەن.» سېلاھ

5 ئى ئىگەم، ئەرشئەلادا مۆجىزىلىرىڭ تەبرىكلىنەر، ساداقىتىڭ پەرىشتىلەر ئارىسىدا مەدھىيەلىنەر.

6 بۈيۈكلۈكتە ساڭا تەڭداش بىرى يوقتۇر، ئەرشئەلادا ھېچكىم ساڭا ئوخشىماستۇر.

7 خۇدانىڭ ھەيۋىسىدىن پەرىشتىلەر تىترەپ تۇرار، ئەتراپىدا ھەممەيلەن قورقۇپ تۇرار.

8 ئى خۇدا _ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، ساڭا ئوخشاش قۇدرەت ئىگىسىدىن يەنە كىم بار؟ ئەتراپىڭنى ساداقەتلىك ئوراپ تۇرار.

9 دېڭىز قانچە مەغرۇر بولسۇن سەن ئۇنىڭغا ھۆكۈمرانسەن، ئۆركەشلىسە دولقۇن ياساپ ئۇنى بېسىپ تىنچلاندۇرىسەن.

10 دېڭىزدىكى راخابنى سەن بەربات قىلدىڭ، قۇدرىتىڭدە دۈشمىنىڭنى بىتچىت قىلدىڭ.

11 ئاسمان، زېمىن _ پۈتۈن جاھان سېنىڭكىدۇر، ئۇنىڭدىكى ھەممە نەرسە پەقەت سېنىڭ ئىجادىڭدۇر.

12 ياراتقانسەن شىمال، جەنۇب ۋە ئۇلاردىكى ھەممىنى، شادلىقتا نامىڭنى كۈيلەر تابور، خەرمون چوققىلىرى.

13 بىلىكىڭ قۇدرەتلىك، قولۇڭ كۈچلۈكتۇر، ئۈستۈن كۆتۈرۈلگەن ئوڭ قولۇڭ غالىبتۇر.

14 تەختىڭنىڭ ئۇلى بولسا ھەققانىيلىق، ئادالەتتۇر، مۇھەببەت ۋە ساداقەتلىك ھۆكۈمرانلىقىڭنىڭ ھەمراھىدۇر.

15 تەنتەنە، ئالقىشلارنى قىلغان خەلق بەختلىك ھېسابلىنار، ياشار ئۇلار ھۇزۇرۇڭنىڭ نۇرىدا ئى پەرۋەردىگار.

16 نامىڭ بىلەن ئۇلار دائىم شاد بولار، ئادالىتىڭدىن سۆيۈنۈپ تەنتەنە قىلار.

17 ئۇلارنىڭ كۈچ-قۇۋۋەت، شان-شەرىپى سەندىن كېلەر، شاپائىتىڭ بولغاچ ئۇلار دائىم غەلىبە قىلار.

18 بەرھەق، بىزنىڭ پادىشاھىمىز مەنسۇپتۇر پەرۋەردىگارغا، تەۋەدۇر ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇداغا.

19 بىر ۋەھىيىڭدە مۇنداق دېگەنىدىڭ سادىق ئۆز بەندەڭگە: «مەن بىر ئەزىمەتكە ياردىمىمنى يەتكۈزدۈم، ئەل ئارىسىدىن ئۇنى تاللاپ، كۆتۈردۈم.

20 دېمەك، قۇلۇم داۋۇتنى تاپتىم، مۇقەددەس مېيىمنى سۈركەپ بېشىغا، ئۇنى سىلەرگە پادىشاھ قىلىپ تىكلىدىم.

21 قولۇم ئۇنىڭغا يۆلەك بولار، بىلىكىم ئۇنى كۈچكە تولدۇرار.

22 دۈشمەنلىرى ئۇنى پەقەت يېڭەلمەس، پەسكەشلەرمۇ ئۇنى قىستاپ ئېزەلمەس.

23 رەقىبلىرىنى ئۇنىڭ ئالدىدا ۋەيران قىلىمەن، ئۆچمەنلىرىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىمەن.

24 ساداقىتىم، مۇھەببىتىم ئۇنىڭغا يار بولار، مېنىڭ نامىم بىلەن ئۇ زەپەر قۇچار.

25 مەن ئۇنى ھۆكۈمرانلىق قىلغۇزارمەن دېڭىزغا، ھوقۇقىنى يۈرگۈزەرمەن ھەم دەريالارغا.

26 ئۇ ماڭا نىدا قىلىپ دېدىكى: ‹سەن مېنىڭ ئاتام، خۇدايىمدۇرسەن، نىجاتكارىم، قورام تېشىمدۇرسەن.›

27 مەن ئۇنى مېنىڭ تۇنجى ئوغلۇم قىلىمەن، دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ پادىشاھ قىلىپ تىكلەيمەن.

28 مۇھەببىتىم ئۇنىڭغا ئەبەدىيدۇر، قىلغان ئەھدەم مەڭگۈگە بۇزۇلماستۇر.

29 ئەۋلادلىرىنى ئەبەدىي خانىدانلىققا ئىگە قىلىمەن، تەختىنى ئۇنىڭ ئاسمان كەبى داۋام قىلدۇرىمەن.

30 مۇبادا ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى تەلىملىرىمدىن چىقىپ كەتسە، ھۆكۈملىرىم بويىچە ئىش كۆرمىسە.

31 ئۇلار پەرمانلىرىمنى بۇزسا، ئەمرلىرىمگە ئىتائەت قىلمىسا،

32 ئۇندا مەن ئىتائەتسىزلىكلىرىنى تاياق بىلەن، گۇناھلىرىنى يارا-جاراھەت بىلەن جازالايمەن.

33 لېكىن مۇھەببىتىمنى داۋۇتتىن ئۈزمەيمەن، ياكى ۋەدەمگە خىيانەت قىلمايمەن.

34 تۈزگەن ئەھدەمنى ئەسلا بۇزمايمەن، ۋەدەمدىن پەقەت قايتمايمەن.

35 مەن مۇقەددەس نامىمدا قەسەم ئىچكەنمەن، داۋۇتقا ئېيتقان سۆزۈمدىن يانمايمەن.

36 ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ئەبەدىي داۋاملىشار، ئۇنىڭ تەختى قۇياش كەبى پارلاپ تۇرار.

37 ئۇ ئاسماندىكى سادىق گۇۋاھچى ئاي كەبى مۇستەھكەم، مەزمۇت تۇرار ئەبەدىي.» سېلاھ

38 بىراق ھازىر سەن ئۇنى رەت قىلىپ تاشلىۋەتتىڭ، ئۆزۈڭ تاللاپ بېكىتكەن پادىشاھقا غەزەپلەندىڭ.

39 ئىنكار قىلدىڭ قۇلۇڭ بىلەن تۈزگەن ئەھدىنى، تاشلىۋەتتىڭ ئۇنىڭ تاج-تەخت _ ھوقۇقىنى.

40 ۋەيران قىلدىڭ ئۇنىڭ بارلىق قورغانلىرىنى، خارابە قىلدىڭ شەھەر-قەلئەلىرىنى.

41 يولدىن ئۆتۈۋاتقانلار بۇلىماقتا شەھىرىنى، ئۇ قوشنا ئەللەر ئالدىدا رەسۋا بولدى.

42 غەلىبە قىلدۇردۇڭ ئۇنىڭ رەقىبلىرىنى، خۇشال قىلدىڭ پۈتكۈل دۈشمەنلىرىنى.

43 قايتۇردۇڭ ئۇنىڭ قىلىچىنىڭ بىسىنى، جەڭلەردە مەغلۇپ قىلدىڭ ئۇنى.

44 يەرگە ئۇردۇڭ ئۇنىڭ ھەيۋىتىنى، كۈلدەك توزۇتتۇڭ تەختىنى.

45 خىجالەتكە چۆمدۈرۈپ قىسقارتتىڭ ياشلىقىنى. سېلاھ

46 ئى پەرۋەردىگار، قاچانغىچە ئۆزۈڭنى مەندىن قاچۇرىسەن؟ قەھر-غەزەپ ئوتۇڭنى قاچانغىچە كۆيدۈرىسەن؟

47 ئەستە تۇتقىن ئى خۇدا، ئۆمرۈمنىڭ قىسقىلىقىنى، نېمىدېگەن بىھۇدىلىكتۇر ئىنساننىڭ ھاياتى.

48 قايسى ئىنسان ياشاپ ئۆلۈم كۆرمەيدىكەن؟ گۆردىن ئۆز جېنىنى ئامان ساقلاپ قالىدىكەن؟ سېلاھ

49 ئى رەببىم، ساداقەتتە داۋۇتقا قىلغان ۋەدىلىرىڭ نەلەردە قالدى؟ بۇرۇن كۆرسەتكەن مېھىر-مۇھەببىتىڭ قەيەردە قالدى؟

50 قۇلۇڭ ئۇچراۋاتقان مەسخىرىلەرنى ئەسكە ئالغايسەن، بارچە ئەلنىڭ ماڭا قىلغان ھاقارەتلىرىنى كۆرگەيسەن!

51 رەقىبلىرىڭ مېنى دائىم مەسخىرە قىلار، ئۆزۈڭ تاللىغان پادىشاھنى خار قىلار.

52 پەرۋەردىگارغا مەڭگۈ ھەمدۇسانالار بولغاي! ئامىن، ئامىن!

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan