Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

زەبۇر 88 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


88-مۇناجات
كوراھنىڭ ئەۋلادلىرى ۋە ئەزراخنىڭ ئوغلى ھېمان يازغان تەربىيەۋى مۇناجات بولۇپ، «ماخالات-لېئانوت» ئاھاڭىدا ناخشا قىلىپ ئېيتىلسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان.

1 ئى پەرۋەردىگار، نىجاتكارىم خۇدا، كېچە-كۈندۈز مەن ساڭا قىلدىم نىدا.

2 قوبۇل قىلغىن دۇئايىمنى، ئاڭلىغىن نىدايىمنى.

3 چۈنكى دەردلەر جېنىمغا پاتتى، ھاياتىممۇ ئۆلۈمگە يېقىنلاشتى.

4 بىر پۇتۇم ساڭگىلىدى گۆر ئاغزىغا، كۈچ-مادار قالمىدى ھېچ تېنىمدا.

5 ئۆلۈكلەردىن ھېچبىر پەرقسىزمەن، تېنىم لەھەتتىكى مۇردىدەكلا. ئۇنتۇلغانمەن ئۆلۈكلەردەك، مېھرىڭدىن مەھرۇممەن ئۇلاردەكلا.

6 تاشلىۋەتتىڭ سەن مېنى چوڭقۇر ھاڭغا، تاشلىدىڭ ھەم زۇلمەت، قاراڭغۇلۇققا.

7 يەلكەمنى باستى يۈك بولۇپ سېنىڭ قەھرىڭ، ماڭا قاتتىق زەربە بولدى ھايات دولقۇنلىرىڭ. سېلاھ

8 يىراق قىلدىڭ مېنىڭدىن دوستلىرىمنى، يىرگەندۈردۈڭ مېنىڭدىن ھەم ئۇلارنى، قاماپ قويدۇڭ چىقالماس قىلىپ مېنى.

9 ئى پەرۋەردىگار، كۆزلىرىم خىرەلەشتى ئازابتا، ھەر كۈنى قىلىمەن ساڭا نىدا، قوللىرىمنى كۆتۈرۈپ دۇئاغا.

10 ئۆلۈكلەرگە كۆرسەتمەكچىمۇسەن كارامەتلىرىڭنى؟ مۇردىلار ئورنىدىن تۇرۇپ مەدھىيەلەرمۇ سېنى؟ سېلاھ

11 قەبرىدە كىممۇ بايان قىلسۇن مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭنى؟ ئۆلۈكلەر ماكانىدا كىممۇ ماختىسۇن ساداقىتىڭنى؟

12 قاراڭغۇلۇقتا كىممۇ كۆرەلىسۇن كارامەتلىرىڭنى؟ «ئۇنتۇلغانلار زېمىنى»دا ياخشىلىقىڭنى؟

13 ئى پەرۋەردىگار، نالە قىلىمەن ساڭا، ھەر سەھەردە قىلىپ دۇئا.

14 ئى پەرۋەردىگار، تاشلىۋەتتىڭ نېچۈن مېنى؟ نېچۈن مەندىن يوشۇرىسەن دىدارىڭنى؟

15 ئېزىلىپ تاس قالغانتىم ئۆلۈشكە ياش چېغىمدىن، قىينىلىپ پېتىپ قالدىم ئۈمىدسىزلىككە دەھشىتىڭدىن.

16 قەھر-غەزىپىڭ باستى ئۈستۈمنى، ۋەھىمىلىرىڭ نابۇت قىلدى مېنى.

17 كەلكۈن كەبى ئۇلار مېنى ئېلىۋالدى قوينىغا، چۈشۈپ قالدىم مەن ئۇلارنىڭ قورشاۋىغا.

18 يىراق قىلىپ مېنىڭدىن ھەمراھلىرىم، دوستلىرىمنى، يار قىلدىڭ پەقەت ماڭا قاراڭغۇلۇقنى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan