Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

زەبۇر 87 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


87-مۇناجات
كوراھنىڭ ئەۋلادلىرى يازغان مۇڭلۇق مۇناجات

1 مۇقەددەس تاغلار ئارا خۇدا قۇرغان شەھەر تۇرار.

2 پەرۋەردىگار ئىسرائىلىيەنىڭ بارلىق جايلىرىدىن سىئون شەھىرىنى ئەڭ ياخشى كۆرەر.

3 ئەي خۇدانىڭ شەھىرى، شەرىپىڭگە پۈتۈلمەكتە ئۇلۇغ ئىشلار. سېلاھ

4 راخابلىق ۋە بابىللىقلار باردۇر مېنى تونۇغانلار ئارىسىدا، فىلىستىيەلىك، تىرلىق ھەم ئېفىيوپىيەلىكمۇ شۇ قاتاردا. دەيمەن ئۇلار ھەققىدە: «بۇ ئادەملەر تۇغۇلغان سىئوندا.»

5 سىئون توغرۇلۇق مۇنداق ئېيتىلار: «سىئوندا تۇغۇلغان ھەر مىللەتتىن بولغانلار»، ئۇلۇغ خۇدا ئۆزى سىئوننى پۇختا قىلار.

6 يات قوۋمنى پۈتكىنىدە تىزىمغا پەرۋەردىگار: «بۇ كىشى سىئوندا تۇغۇلغان» دەپ يېزىپ قويار. سېلاھ

7 ناخشىچى، ئۇسسۇلچىلار ناخشىنى مۇنداق ئېيتار: «ئەي سىئون، مېنىڭ ھايات مەنبەيىم سېنىڭدىدۇر.»

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan