زەبۇر 85 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى85-مۇناجات كوراھنىڭ ئەۋلادلىرى يازغان مۇناجات بولۇپ، ناخشا قىلىپ ئېيتىلسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان. 1 نەزىرىڭ تەگكەن زېمىنغا ئىلتىپات ئەيلەپ ئى ئىگەم، قايتا گۈللەپ-ياشناتقانىدىڭ يۇرتىنى ياقۇپنىڭ. 2 ئەپۇ قىلىپ قىلمىشىنى خەلقىڭنىڭ، كەچۈرگەنىدىڭ گۇناھلىرىنى ئۇلارنىڭ. سېلاھ 3 ئاچچىقىڭنى يۇتۇۋېتىپ ئىچىڭگە، ئوتتەك يانغان قەھرىڭنى باسقانىدىڭ. 4 بىزگە نىجاتلىق بېرىپ كەلگەن ئى خۇدا، بىزگە بولغان ئاچچىقىڭغا ھاي بېرىپ، ئالغىن بىزنى قايتىدىن ئۆز مېھرىڭنىڭ قوينىغا. 5 بىزگە خۇدا ئەبەدىي غەزەپلىنىپ تۇرامسەن؟ غەزىپىڭنى ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە سوزامسەن؟ 6 شادلىنىشى ئۈچۈن سەندىن خەلقىڭنىڭ بىزنى قايتا گۈللەندۈرۈپ قويمامسەن؟ 7 بىزگە بەرگىن مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭنى، ئاتا قىلغىن بىزگە ھەم نىجاتلىقىڭنى. 8 قۇلاق سالاي خۇدانىڭ سۆزلىرىگە، خاتىرجەملىك، ئامانلىق بېرىدۇ ئىگەم ئۆز خەلقى ۋە تەقۋادارلىرىغا، ماڭمىسۇن دەپ خاتا يولدا ئۇلار يەنە. 9 شۇنداق، ئىخلاسمەنلەرنى قۇتقۇزار خۇدا، زاھىر بولۇپ شان-شەرىپى زېمىنىمىزدا. 10 خۇدانىڭ مەڭگۈلۈك مۇھەببىتى ۋە ساداقىتى ئېلىپ كېلەر ھەققانىيلىق ۋە ئامانلىقنى. 11 ۋاپادارلىق زېمىندا مەۋجۇت بولار، ھەققانىيلىق ئەرشلەردىن باقار. 12 پەرۋەردىگار بەرىكەت ئاتا قىلار، يەرلىرىمىز چوقۇم ھوسۇللۇق بولار. 13 ھەققانىيلىق، ئەلچىسى بولۇپ خۇدانىڭ، كېلەر ئالدىدا يول ھازىرلاپ پەرۋەردىگارنىڭ. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti