Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

زەبۇر 84 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


84-مۇناجات
كوراھنىڭ ئەۋلادلىرى يازغان مۇناجات بولۇپ، «گىتتىف»تا ئورۇنلانسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان.

1 نەقەدەر ئەزىزدۇر ئۇچرىشىش جايىڭ، ئى پەرۋەردىگار _ قۇدرەتلىك سەردار.

2 سېغىنىپ شۇنچىلىك بولدۇم مەن تەشنا، ئى ئىگەم ئىبادەتخانىنىڭ ھويلىلىرىغا. بولماقتا قەلبىم ۋە جىسمىم شۇنچە ئىنتىزار، ھاياتلىق بۇلىقى بولغان بىردىنبىر خۇداغا.

3 ماڭا شاھ بولغان ئى قۇدرەتلىك سەردار خۇدا، قۇربانلىق سۇپاڭنىڭ ئەتراپلىرىغا، ھەتتا قۇشقاچلار سالدى ئۇۋا، قارلىغاچمۇ جاي تاپتى بالىلىرىنى بېقىشقا.

4 نەقەدەر بەختلىك ئىبادەتخاناڭدا بولغانلار، توختىماستىن ساڭا ھەمدۇسانا ئوقۇۋاتقانلار. سېلاھ

5 نەقەدەر بەختلىك سەندىن كۈچ-قۇدرەت تاپقانلار، قەلبىدىن سىئوننى تاۋاپ قىلىشقا ئىنتىزار بولغانلار.

6 يىغا-زار قاپلىغان قۇرغاق جىلغىدىن ئۆتكەندە ئۇلار، ئۇ يەرنى بۇلاقلىق ماكانغا ئايلاندۇرار، ئۇ يەر كۈز يامغۇرلىرى بىلەن بەرىكەتلىنەر.

7 ماڭغانسېرى ئۇلار قۇۋۋەت ئۈستىگە قۇۋۋەت تاپار، سىئونغا يېتىپ بېرىپ، خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا ھازىر بولار.

8 ئى پەرۋەردىگار _ قۇدرەتلىك سەردار خۇدا، قۇلاق سالغىن دۇئالىرىمغا. تىڭشىغىن ئىلتىجايىمنى، ئى ياقۇپنى تاللىغان خۇدا. سېلاھ

9 ئىلاھىم، كۆڭۈل بۆلگىن قالقىنىمىز پادىشاھقا، نەزىرىڭنى بەر ئۆزۈڭ تاللىغىنىڭغا.

10 بەرھەق، ئىبادەتخاناڭدا ئۆتكەن بىر كۈن، ئەۋزەلدۇر باشقا يەردە ئۆتكەن مىڭ كۈندىن. ئەلا بىلىمەن خۇدا ئۆيىنىڭ بوسۇغىسىدا تۇرۇشنى، رەزىللەرنىڭ راھەت-پاراغەتلىك ئۆيىدە ياشاشتىن.

11 بىزگە قۇياش، قالقاندۇر پەرۋەردىگار ئىگىمىز، ئاتا قىلار ئۇ شان-شۆھرەت ۋە شاپائەت. دۇرۇس يولدا ماڭغانلاردىن، ئايىماس ياخشىلىقىنى تائەبەد.

12 ئى پەرۋەردىگار _ قۇدرەتلىك سەردار، بەختلىكتۇر ساڭا تايانغانلار.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan