زەبۇر 82 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى82-مۇناجات ئاساف يازغان مۇناجات 1 خۇدا باش بولۇپ ئولتۇرۇپ ئەرشتىكى مەجلىستە، دەيدۇ مۇنداق ھۆكۈمدارلارغا: 2 «ناھەق ھۆكۈم چىقىرىسىلەر قاچانغىچە؟ رەزىللەرگە يان باسىسىلەر نە چاغقىچە؟ سېلاھ 3 يېتىم-يېسىر، نامراتلارغا كۆرسىتىڭلار ئادالەتنى، ئاقلاڭلار ئېزىلگەنلەر ۋە ئاجىزلارنى. 4 مىسكىن ۋە يوقسۇللارنى قۇتقۇزۇڭلار، رەزىللەردىن ئۇلارنى ئازاد قىلىڭلار. 5 نادان ۋە بىلىمسىزدۇر ئۇلارنىڭ ھەممىسى، ماڭار ئۇلار زۇلمەت ئارا، تەۋرەر يەرنىڭ ئۇللىرى. 6 دېگەنىدىم سىلەرگە: سىلەر ‹ئىلاھلار›، ھەممىڭلار ئۇلۇغ خۇدانىڭ ‹پەرزەنتىسىلەر›! 7 لېكىن سىلەرمۇ باشقا بەندىلەردەك ئۆلىسىلەر، خۇددى بارلىق ھۆكۈمرانلاردەك تۈگەيسىلەر.» 8 سوراق قىلغىن يەر يۈزىگە كېلىپ ئى خۇدا، چۈنكى پۈتكۈل خەلقلەر تەۋەدۇر ساڭا. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti