Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

زەبۇر 81 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


81-مۇناجات
بۇ ئاساف يازغان مۇناجات بولۇپ، نەغمىچىلەر بېشىغا «گىتتىف»تا چېلىنسۇن دەپ تاپشۇرۇلغان.

1 كۈچ-قۇۋۋىتىمىز بولغان خۇداغا، شادلىقتا مەدھىيەلەر ئوقۇڭلار. ياقۇپ ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانى خۇش بولۇپ كۈي-ناخشىغا قېتىڭلار.

2 چىلتار، داپ، مۇڭلۇق لىرانى ئېلىپ قولۇڭلارغا، مەدھىيە ناخشاڭلارنى تەڭكەش قىلىپ ئېيتىڭلار.

3 يېڭى ئاي تۇغقاندا ۋە ئاي تولغاندا، بايرام قىلىپ بۇرغىلارنى چېلىڭلار.

4 بۇ ئىسرائىللارغا چۈشكەن بىر پەرماندۇر، ياقۇپ ئېتىقاد قىلغان خۇدانىڭ ھۆكۈمىدۇر.

5-6 يۈسۈپ نەسلىنى مىسىردىن چىققان ۋاقتىدا، بۇنى ئىسرائىللارغا قانۇن قىلىپ بېكىتكەندۇر. مەن ناتونۇش بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم: «ئۇنىڭ مۈرىسىنى يۈكتىن بىكار قىلدىم، قوللىرىنى سېۋەتتىن ئازاد قىلدىم.

7 قىستاڭچىلىقتا نىدا قىلساڭ، مەن سېنى قۇتۇلدۇردۇم. قارا بۇلۇتلار ئارىسىدىن ساڭا جاۋاب بەردىم، مىرىبادا ئاققان سۇ بويىدا سېنى سىنىدىم. سېلاھ

8 تىڭشا خەلقىم، قۇلاق سال ئەي ئىسرائىللار! مەن سىلەرنى ئاگاھلاندۇراي:

9 زېمىنىڭلاردا يات ئىلاھلارغا ئورۇن بەرمەڭلار، ھەم ئۇلارغا باش قويۇپ، سەجدە قىلماڭلار.

10 سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان پەرۋەردىگارىڭلار مەندۇرمەن. ئېغىزىڭلارنى ئاچساڭلار، بەرىكەتكە تولدۇرىمەن.

11 بىراق خەلقىم سۆزۈمنى ئاڭلىمىدى، ئىسرائىل خەلقى ماڭا بويسۇنمىدى.

12 شۇڭا مەن قويۇۋەتتىم ئۇلارنى ئۆز تەرسالىقىغا، مېڭىۋەردى دەسسەپ ئۇلار ئۆزى خالىغان يوللارغا.

13 خەلقىم سۆزۈمگە قۇلاق سالسا ئىدى، ئىسرائىللار مەن باشلىغان يولدا ماڭسا ئىدى.

14 دۈشمەنلىرىنى ئۇلارنىڭ تېزلا باش ئەگدۈرەر ئىدىم، رەقىبلىرىگە قۇدرىتىمنى بىلدۈرۈپ قۇيار ئىدىم.

15 شۇندا، ماڭا ئۆچمەنلەر قورقۇپ بويسۇنار ئىدى، ئۇلار ھەمىشە شەرمەندىلىكتە قالار ئىدى.

16 سىلەرنى بۇغداينىڭ ئەڭ ئېسىلىدا باقار ئىدىم، تاشتىن ھەسەل چىقىرىپ تەشنالىقىڭلارنى قاندۇرار ئىدىم.»

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan