Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

زەبۇر 80 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


80-مۇناجات
بۇ ئاساف يازغان مۇناجات بولۇپ، «گۇۋاھلىق نېلۇپەرى» دېگەن ئاھاڭدا ئېيتىلسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان.

1 ئى ئىسرائىللارغا قويچى بولۇپ يول باشلىغۇچى، يۈسۈپ نەسلىنى قوي پادىسىدەك يېتەكلىگۈچى، كېرۇبلار ئوتتۇرىسىدا تەختتە ئولتۇرغۇچى، ئۆتۈنەي، بىزگە قۇلاق سالغىن، شان-شەرەپلىك نۇرۇڭنى چاچقىن.

2 ئەفرايىم، بىنيامىن ۋە ماناسسە قەبىلىلىرىمىزدە، كۆرسىتىپ قۇدرىتىڭنى، قۇتقۇزغىن بىزنى.

3 قايتا گۈللەت بىزنى ئى خۇدا، كۆرسەتكىن بىزگە دىدارىڭنى، شۇندا تاپارمىز نىجاتلىقنى.

4 ئى پەرۋەردىگار _ قۇدرەتلىك سەردار خۇدا، غەزىپىڭدىن قوبۇل كۆرمەي دۇئايىمىزنى، قاچانغىچە رەت قىلارسەن بىزلەرنى؟

5 قايغۇ بەردىڭ نان ئورنىغا يېيىشكە، چېلەك-چېلەك ياشنى بەردىڭ ئىچىشكە.

6 قىلدىڭ قوشنا ئەللەرگە بىزنى تالىشىش نىشانى، دۈشمەنلىرىمىز ئۆزئارا مەسخىرە قىلىشار بىزنى.

7 ئى قۇدرەتلىك سەردار خۇدا، قايتا گۈللەت بىزنى، كۆرسەتكىن بىزگە دىدارىڭنى، شۇندا تاپارمىز نىجاتلىقنى.

8 مىسىردىن ئېلىپ كەلدىڭ بىر تۈپ ئۈزۈم كۆچىتى، يات ئەللەرنى قوغلاپ ئۆزۈڭ تىكتىڭ ئۇنى.

9 زېمىن تەييار قىلىپ بەردىڭ ئۇ كۆچەتكە، يىلتىز تارتىپ كەڭ يېيىلدى زېمىنغا.

10 تاغلار قالدى ئۇنىڭ سايىسى تېگىدە، كېدىر دەرەخلىرى قالدى شاخلىرى ئاستىدا.

11 ئۇ ئۇزارتتى شاخلىرىنى تا دېڭىزغىچە، نوتىلىرىنى فىرات دەرياسىغىچە.

12 نېچۈن بۇزۇپ ئۇنىڭ قاشاسىنى، يولدىن ئۆتكەنلەرگە بېرىسەن مېۋىسىنى؟

13 ئورماندىكى ياۋا توڭگۇز ئۇنى خاراب قىلماقتا، دالادىكى ھايۋاناتلار ئۇنىڭدىن ئوزۇقلانماقتا.

14 ئى قۇدرەتلىك سەردار خۇدا، قايتا كەلگىن يېنىمىزغا. سامادىن نەزەر سېلىپ ئۈزۈمزارلىققا، غەمخورلۇق قىلغىن ئۈزۈم تاللىرىغا.

15 ئوڭ قولۇڭدا ئۆستۈرگەن يىلتىزغۇ بۇ، ئۇ ئۆزۈڭ ئۈچۈن چوڭ قىلغان ئوغلۇڭ ئىدىغۇ.

16 مانا ئۇ كېسىۋېتىلدى، كۆيدۈرۈلدى ئوتتا، ھالاك بولماقتا غەزەپلىك بېقىشىڭدا.

17 قانات ئاستىڭغا ئالغايسەن ئۆزۈڭ تاللىغاننى، ئامان قىلغايسەن ئۆزۈڭ ئۈچۈن ئۆستۈرگەننى.

18 بىزلەر ھەرگىز سەندىن ئايرىلمايمىز شۇندا، گۈللەتكىن بىزنى، ئىبادەت قىلىمىز ساڭا.

19 ئى پەرۋەردىگار _ قۇدرەتلىك سەردار خۇدا، قايتا گۈللەت بىزنى، كۆرسەتكىن بىزگە دىدارىڭنى، شۇندا تاپارمىز نىجاتلىقنى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan