Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

زەبۇر 8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


8-مۇناجات
داۋۇت يازغان مۇناجات بولۇپ، «گىتتىف»تا ئورۇنلانسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان.

1 ئى رەببىمىز پەرۋەردىگار، شۇنچە ھەيۋەت نامىڭ بار يەر يۈزىدە، شەرىپىڭنى نامايان قىلدىڭ ئاسمان-پەلەكتە.

2 بالىلار ۋە بوۋاقلارنىڭ تىللىرىدا مەدھىيەلەتتىڭ ئۆزۈڭنى، يۇمۇش ئۈچۈن دۈشمەن ۋە قىساسچىلارنىڭ ئېغىزلىرىنى.

3 قارىسام مەن بارماقلىرىڭ ئىجاد قىلغان ئاسمانغا _ كۆككە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغان يۇلتۇزلارغا ۋە ئايغا،

4 دەيمەن: ئىنسان نېمە ئىدى، سەن ئۇنى ياد ئەتكۈدەك؟ ئادەم نەسلى نېمە ئىدى، شۇنچە كۆڭۈل بۆلگۈدەك؟

5 پەرىشتىلەردىن ئازراقلا تۆۋەن قىلدىڭ ئورنىنى، كىيدۈردۈڭ سەن ئۇنىڭغا شان-شۆھرەتنىڭ تاجىنى.

6 باشقۇرغۇزدۇڭ ئۇنىڭغا كۈللى جاھاننى، تىز پۈكتۈردۈڭ ئۇنىڭغا ھەممىنى.

7 تىز پۈكەر قوي، كالا، ياۋايى ھايۋانلار،

8 ئاسماندىكى ئۇچارقانات، دېڭىزدىكى بېلىقلار، شۇنداقلا دېڭىزدا ياشىغۇچى ھەممە جانلىقلار.

9 ئى رەببىمىز پەرۋەردىگار، يەر يۈزىدە شۇنچە ھەيۋەت نامىڭ بار.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan