Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

زەبۇر 79 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


79-مۇناجات
ئاساف يازغان مۇناجات

1 ئى خۇدا، يات ئەللەر بېسىپ كىردى زېمىنىڭغا، ئۇلار بۇلغاپ مۇقەددەس ئىبادەتخاناڭنى، خارابىگە ئايلاندۇردى يېرۇسالېمنى.

2 ئاسماندىكى قۇشلارغا يەم قىلدى ئۇلار، قۇللىرىڭنىڭ جەسەتلىرىنى. تاشلاپ بەردى دالادىكى ھايۋانلارغا، مۆمىن بەندىلىرىڭنىڭ ئەتلىرىنى.

3 يېرۇسالېمدا دەريا قىلىپ ئېقىتتى ئۇلار، خەلقىڭنىڭ قانلىرىنى. بىرەر تىرىك جاننىمۇ قالدۇرمىدى ھەتتا، كۆمگىلى جەسەتلىرىنى.

4 ھاقارىتىگە قالدۇق قوشنا ئەللەرنىڭ، مەسخىرە نىشانى بولدۇق ئۇلارنىڭ.

5 ئى پەرۋەردىگار، غەزىپىڭ قاچانغىچە، مەڭگۈگىمۇ؟! ئوت بولۇپ يانغان غەزىپىڭ بېسىلارمۇ؟

6 قەھرىڭنى چاچ سېنى تونۇمىغان ئەللەرگە، ۋە ساڭا ئېتىقاد قىلمىغان سەلتەنەتلەرگە.

7 چۈنكى ئۇلار ۋەيران قىلدى ياقۇپنىڭ نەسلىنى، خانىۋەيران قىلىپ ئۇنىڭ ماكانىنى.

8 بىزدىن ئالما سورىقىنى گۇناھ قىلسا ئەجدادىمىز، بىزگە تېزراق رەھىم قىلغىن، بەكمۇ ناچار چۈنكى بىزنىڭ ئەھۋالىمىز.

9 ئى نىجاتكارىمىز پەرۋەردىگار، شۆھرىتى ئۈچۈن نامىڭنىڭ، بولغىن بىزگە مەدەتكار. كەچۈرگەيسەن گۇناھىمىزنى، نامىڭ ئۈچۈن قۇتقۇزغىن بىزنى.

10 «قېنى ئۇلارنىڭ خۇداسى» دەپ، يات ئەللەر مازاق قىلسا بولامدۇ؟ قىرغىن قىلغان تۇرسا ئۇلار قۇللىرىڭنى، كۆرسەت بىزگە ئۇلارنى جازالىغانلىقىڭنى.

11 ئەسىرلەرنىڭ ئاھ-زارلىرىنى ئاڭلىغايسەن، ئۆلۈمگە بۇيرۇلغانلارنى قۇدرىتىڭدە ساقلىغايسەن.

12 ئى ئىگەم، ساڭا قىلغان ھاقارىتىنى قوشنا ئەللەرنىڭ، يەتتە ھەسسە ئاشۇرۇپ ئۆزىگە بەر ئۇلارنىڭ.

13 بىز سېنىڭ ئۆز قوۋمىڭ، قوي پاداڭدۇرمىز، ساڭا مەڭگۈ ھەمدۇسانا-شۈكۈر ئېيتىمىز، مەدھىيەمىزنى ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە داۋام ئېتىمىز.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan