زەبۇر 78 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى78-مۇناجات ئاساف يازغان تەربىيەۋى مۇناجات 1 ئەي خەلقىم، قۇلاق سالغىن تەلىمىمگە، زېھنىڭنى بەر مېنىڭ ھەربىر سۆزلىرىمگە. 2 ھېكمەت بىلەن ئاچاي مەن ئاغزىمنى، بايان ئەيلەپ سىلەرگە ئۆتمۈشتىكى ساۋاقلارنى. 3 بىزگە ئېيتىپ قالدۇرغان بۇلارنى ئەجدادىمىز، ئاڭلىغان ۋە بىلگەنتۇق بۇلارنى ئۇلاردىن بىز. 4 نەسلىمىزدىن يوشۇرمايمىز شۇڭا ئۇلارنى، بىز سۆزلەپ بېرىمىز ئەۋلادلارغا، خۇدانىڭ شەرەپلىك ئىشى ۋە قۇدرىتىنى، ھەم ئۇنىڭ كۆرسەتكەن مۆجىزىلىرىنى. 5 پەرزلىرىنى چۈشۈردى ئۇ ياقۇپ نەسلىگە، قانۇنلىرىنى تۇرغۇزدى ئۇ ھەم ئىسرائىللارغا. «بالاڭلارغا ئۆگىتىڭلار بۇلارنى» دەپ، ئەمر قىلغانىدى ئۇ ئەجدادىمىزغا. 6 ئەۋلادلىرىمىز بۇلارنى چوقۇم بىلگەي، ھەتتا تۇغۇلماقچى بولغان بالىلارمۇ، ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد بالىلىرىغا ئۆگەتكەي. 7 يار-يۆلەك قىلغاي ئۇلار خۇدانى، رىئايە قىلىپ ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە، ئەجرىنى پۈكۈپ كۆڭۈللىرىگە. 8 دورىمىسۇن ئۇلار ئەجدادلىرىنى _ ئۇلارنىڭ ئىتائەتسىز، جاھىللىقىنى. سەمىمىيەتسىزلىك بولمىسۇن دىللىرىدا، ساداقەتسىزلىك بولمىسۇن ئۇلاردا. 9 ئوقيالىق بولسىمۇ ئەفرايىم نەسلى، جەڭدە ئارقىغا بۇرۇلۇپ قاچتى. 10 ئۇلار خۇدانىڭ ئەھدىسىگە بويسۇنمىدى، ھەم ئۇنىڭ قانۇنى بويىچە ماڭمىدى. 11 ئۇنتۇغاندۇر ئۇلار خۇدانىڭ ئىشلىرىنى، يەنە ئۇنىڭ كۆرسەتكەن مۆجىزىلىرىنى. 12 مىسىردىكى زوئان دالالىرىدا، كۆرسىتىلگەنىدى مۆجىزە ئەجدادلىرىمىزغا. 13 دېڭىزنى يېرىپ ئۇلارنى ئۆتكۈزگەنىدى، سۇنى قىيا كەبى تىك تۇرغۇزغانىدى. 14 كۈندۈزى يېتەكلىسە ئۇلارنى بۇلۇت بىلەن، كېچىسى يول باشلىغانىدى ئوتنىڭ نۇرى بىلەن. 15 ئۇ چۆلدە تاشنى يېرىپ سۇ چىقارغانىدى، سۈيىنى دېڭىز كەبى مول قىلغانىدى. 16 تاشلاردىن ئېتىلىپ چىقىپ سۇلار، ئاققانىدى دەريا كەبى ئۇلار. 17 ئەمما چۆلدە ئىسيان كۆتۈردى ئۇلۇغ خۇداغا، شۇنىڭ بىلەن پاتتى ئۇلار يەنە ئېغىر گۇناھقا. 18 ئۇلار قەستەن سىناپ خۇدانى، نەپسى ئۈچۈن تەلەپ قىلدى تائامنى. 19 دېگەنىدى ئۇلار ھاقارەت قىلىپ خۇداغا: «سالالامدۇ داستىخان مۇشۇ چۆل-دالاغا؟» 20 دەرۋەقە، ئۇ ئۇرۇۋىدى تاشنى، سۇلار بۇلاقتەك ئېتىلىپ چىقتى. «ئەمدى ئۇ بىزگە نان بىلەن گۆشنى بېرەلەمدۇ؟» دېيىشتى. 21 ئاڭلاپ بۇنى پەرۋەردىگار غەزەپلەندى، ياقۇپ نەسلىگە غەزەپ ئوتى چۈشتى، قەھرى ئۇنىڭ ئىسرائىل نەسلىگە تەگدى. 22 ئىشەنمىدى ئۇلار خۇداغا، تايانمىدى ئۇنىڭ نىجاتلىقىغا. 23 بىراق خۇدا ئەمر قىلىپ يەنە ئاسمانغا، بۇيرۇدى ئەرشنىڭ دەرۋازىسىنى ئېچىشقا. 24 يېمەكلىكى ئۈچۈن كۆكتىن ياغدۇردى ماننا، دېمەك، ئەرش يېمەكلىكىنى بەردى ئۇلارغا. 25 ئىنسانلار پەرىشتىلەرنىڭ نېنىنى يېدى، خۇدا ئاتا قىلغاچ بۇنى، ئۇلار تويدى. 26 خۇدا كۆكتە ئۇچۇردى شەرق شامىلىنى، يېتەكلەپ كەلدى جەنۇب شامىلىنى. 27 چاڭ-توزاندەك ياغدۇردى گۆشلەرنى ئۇلارغا _ قۇشلارنى قوندۇردى ساھىلدىكى قۇملار كەبى ئەتراپىغا. 28 ئۇ ياغدۇردى بۇلارنى بارگاھلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىغا، چۈشۈردى چېدىرلىرىنىڭ ئەتراپىغا. 29 ئۇلار يېدى خالىغانچە، تويدى قورساقلىرى، بولدى ئىجابەت ئۇلارنىڭ خۇدادىن تىلىگەنلىرى. 30 لېكىن نەپسى ئۇلارنىڭ تېخى تويماي تۇرۇپلا، چايناۋاتقان گۆشلىرى ئېغىزلىرىدا تۇرغاندىلا، 31 غەزىپى كېلىپ خۇدانىڭ ئۇلارغا، قىرىۋەتتى ئۇلارنىڭ ئەڭ جەسۇر پالۋانلىرىنى، ئىسرائىللارنىڭ ياراملىق ياش يىگىتلىرىنى. 32 كۆردى شۇنچە كۆپ كۆرگۈلۈكنى، لېكىن توۋا قىلمىدى، كۆردى شۇنچە كۆپ مۆجىزىلەرنى، لېكىن ئاڭا ئىشەنمىدى. 33 شۇڭا خۇدا ھاياتىنى ئۇلارنىڭ ئاخىرلاشتۇردى مەنىسىزلىك ئىچىدە، ئۆتتى يىللىرى دەككە-دۈككىدە. 34 ئۆلۈم كەلگەندە ئۇلار ئەسكە ئالدى خۇدانى، توۋا قىلىپ ئىخلاس بىلەن ئىزدەشكە باشلىدى ئۇنى. 35 ئويلىدى ئۇلار «قورام تاشتەك باشپاناھىمىز _ ئۇلۇغ خۇدا _ قۇتقۇزغۇچى، نىجاتكارىمىز.» 36 لېكىن ئۇلارنىڭ ماختاشلىرى ئېغىزدا ئىدى، تىللىرىدا دېگەنلىرى يالغان ئىدى. 37 خۇداغا سادىقلىق يوق ئىدى كۆڭۈللىرىدە، شۇڭا ئەمەل قىلمايتتى تۈزگەن ئەھدىسىگە. 38 بىراق خۇدا يەنىلا رەھىمدىل بولغاچ، گۇناھلىرىنى كەچۈرۈپ، يوقاتمىدى ئۇلارنى، قايتا-قايتا بېسىۋالدى غەزىپىنى، ھەم تۆكمىدى قەھرىنىڭ ھەممىسىنى. 39 ئەسلىدى ئۇ ئۇلارنىڭ ئىنسانلىقىنى، نەپەس كەبى كەتسە قايتىپ كەلمەيدىغانلىقىنى. 40 بىراق ئۇلار ئىسيان قىلغاچ چۆلدە تالاي قېتىم، ئازار يەپ دىلى خۇدانىڭ، بولدى كۆڭلى يېرىم. 41 ئۇلار قايتىدىن يولدىن چىقىپ سىناپ خۇدانى، زېدە قىلدى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن مۇقەددەس خۇدانىڭ يۈرىكىنى. 42 ئۇنتۇدى ئۇلار خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتىنى، ئەستىن چىقىرىپ ياۋدىن قۇتۇلدۇرغان كۈنىنى. 43 ئۇنتۇدى ئۇلار خۇدانىڭ مىسىردىكى مۆجىزىلىرىنى، زوئان تۈزلەڭلىكىدە كۆرسەتكەن كارامەتلىرىنى. 44 قانغا ئايلاندۇرۇپ قويغاچ خۇدا دەرياسىنى ئۇلارنىڭ، ئىچمەك مۇمكىن بولمىدى سۇلىرىنى دەريانىڭ. 45 نەشتەرلىك چىۋىن ئاپىتى پەيدا قىلدى ئۇلارغا، پاقىلارنى ئەۋەتتى زېمىنىنى خاراب قىلارغا. 46 ئېتىزلىرى ئۇچرىدى چېكەتكىلەر ھۇجۇمىغا، ھوسۇللىرىنىڭ ھەممىسى يەم بولدى ئۇلارغا. 47 ۋەيران بولدى مۆلدۈردە ئۈزۈمزارلىرى، ئۈششۈپ قالدى سوغۇقتا ئەنجۈرلىرى. 48 مۆلدۈر تېگىپ ۋەيران بولدى قوي-كالىلىرى، كۆيۈپ كەتتى چاقماق سوقۇپ چارۋا-ماللىرى. 49 قەھر-غەزەپ، كۈلپەت، نەپرەت ياغدى خۇدادىن، كەلدى بۇ بىر تۈركۈم بۇزغۇنچى پەرىشتىلەر ئەرشتىن. 50 غەزىپى چەككە يېتىپ خۇدانىڭ، جېنىنى ئايىماق بولۇپ ئۇلارنىڭ، ۋابا كېسەل ئەۋەتتى ئۇلارغا. 51 پەرۋەردىگار ئۆلتۈرۈۋەتتى مىسىردا بارلىق تۇنجى بالىلارنى، يەنى ھام چېدىرىنىڭ غۇرۇرى بولغان تۇنجى ئوغۇللارنى. 52 ئۇ خەلقىنى پادا كەبى باشلاپ ماڭدى چوپان بولۇپ، چۆل-باياۋان، جەزىرىدە پادىسىغا قويچى بولۇپ. 53 ئامان-ئېسەن قىلغاچ خۇدا ئۇلارنى، قورقۇنچتىن خالىي ماڭدى يولىنى، غەرق قىلدى دېڭىزغا دۈشمەنلىرىنى. 54 خۇدا يېتەكلىدى ئۇلارنى مۇقەددەس زېمىنىغا، ئېلىپ كەلدى ئوڭ قولىدا ئېرىشكەن تېغىغا. 55 خۇدا قوغلىۋېتىپ ئۇ يەردىن يات ئەللەرنى، ئىسرائىللارغا بۆلۈپ بەردى يەرلىرىنى. ئىسرائىل قەبىلىسىگە ئېلىپ بەردى ئۆيلىرىنى. 56 ئەمما ئۇلار ئىتائەتسىزلىك قىلىپ، سىناپ كۆردى ئۇلۇغ خۇدانى، تەرك ئەتتى ئۇنىڭ پەرزلىرىنى. 57 ئەجدادلىرىدەك يولدىن تېيىپ ۋاپاسىزلىق قىلدى ئۇلار، ئىشەنچسىزلىكتە خۇددى ئېگىلىپ كەتكەن ياغا ئوخشار. 58 ئېگىزلىكتە قۇرۇپ ئىبادەتگاھلار، ياساپ ئۇنىڭغا ھەرخىل بۇتلار، كەلتۈردى ئۇلار خۇدانىڭ ئاچچىقىنى، ئۆرتىدى خۇدانىڭ يۈرىكىنى. 59 بۇنى كۆرۈپ غەزەپلەندى پەرۋەردىگار، رەت قىلىندى شۇ ھامان ئىسرائىللار. 60 تەرك ئەتتى ئۇ يەنە شىلودىكى ماكانىنى، ئىنسانلار ئارىسىغا تىككەن چېدىرىنى. 61 قۇدرىتىنى تاپشۇردى ئۇ ئەسىرلىككە، شۆھرىتىنى بەردى ھەم دۈشمەنلەرگە. 62 تاشلاپ بەردى ئۆز قوۋمىنى قىلىچ ئاستىغا، چاچتى ھەم غەزىپىنى ئۇلار بېشىغا. 63 ئوتتا كۆيدى ئۇلارنىڭ قىران يىگىتلىرى، ناخشا-كۈيسىز قالدى بەرنا قىزلىرى. 64 يىقىلسىمۇ روھانىيلىرى تىغ ئالدىدا، تۇل قالغان ئاياللىرى تۇتالمىدى ھازا. 65 بۇ چاغ ئىگەم ئۇيقۇدىن ئويغانغان ئادەم كەبى، شارابنىڭ كۈچى بىلەن روھلانغان باتۇر كەبى. 66 مەغلۇپ قىلىپ چېكىندۈردى رەقىبلىرىنى، مەڭگۈگە رەسۋا قىلىپ ئۇلارنى. 67 خۇدا رەت قىلىپ يۈسۈپ چېدىرىنى، تاللىماستىن ئەفرايىم قوۋمىنى، 68 بەلكى تاللىدى يەھۇدا قوۋمىنى، يەنى ئۆزى سۆيگەن سىئون تېغىنى. 69 قۇرۇلدى مۇقەددەس ئىبادەتگاھ ئاسمان-پەلەك، مەزمۇت ۋە ئەبەدىيدۇر ئاسمان-زېمىن يارالغاندەك. 70 پەرۋەردىگار تاللاپ داۋۇتنى، چاقىرىۋالدى قوي قوتىنىدىن ئۇنى. 71 يەنى بېقىشتىن ساغلىق قويلارنى، چاقىردى بېقىشقا ياقۇپ قوۋمىنى _ ئۆزىگە مەنسۇپ بولغان ئىسرائىللارنى. 72 باقتى داۋۇت ئۇلارنى كۆڭۈل قويۇپ، يېتەكلىدى شۇنداقلا ماھىر بولۇپ. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti