Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

زەبۇر 77 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


77-مۇناجات
ئاساف يازغان مۇناجات بولۇپ، «يىدۇتۇن» ئاھاڭىدا ئېيتىلسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان.

1 كۆتۈرىمەن خۇداغا پەريادىمنى، مۇقەررەر ئاڭلار ئۇ مېنىڭ زارىمنى.

2 مۇشەققەتتە رەببىم ساڭا تەلپۈندىم، كېچىلىرى دۇئا قىلىپ ئۆتۈندىم، تەسەللىگە ئېرىشمىدى بۇ كۆڭلۈم.

3 ئاھۇزار چەكتىم ئى خۇدا، سېنى سېغىنىپ، يوقىتار بولدۇم ئۆزۈمنى، سېنى ياد ئېيتىپ. سېلاھ

4 سەن جاۋاب بەرمىگەچ ئۇيقۇسىزدۇر كۆزلىرىم، كۆڭۈل بىئاراملىقتا گەپكە كەلمەس تىللىرىم.

5 ياد ئېتىمەن ئۆتۈپ كەتكەن كۈنلەرنى، يىراق ئۆتمۈشتىكى گۈزەل چاغلارنى.

6 ئۇ كېچىلەر، ئېيتقان مۇناجاتلىرىم بىلەن تولغانىدى، ئۇلارنى ئويلاپ، كۆڭلۈمدە شۇنداق سوئاللار پەيدا بولدى:

7 رەببىم مېنى مەڭگۈگە تەرك ئېتەرمۇ؟ ئەمدى ماڭا رەھىم-شەپقەت قىلماسمۇ؟

8 ئۆچمەس مۇھەببىتى ئەمدى بىزگە ئۆچتىمۇ؟ ۋەدىلىرى مەڭگۈگە ئىناۋەتسىز بولدىمۇ؟

9 خۇدا شەپقەت قىلىشنى ياكى ئۇنتۇپ قالدىمۇ؟ رەھىمدىللىك ئورنىنى ياكى غەزەپ ئالدىمۇ؟ سېلاھ

10 ئاندىن مەن دېدىم: «مېنى ئەڭ ئازابلايدىغىنى شۇكى، ئۇلۇغ خۇدا ئەمدى بېشىمىزنى سىلىمايدىغان بولدى.»

11 ياد ئېتىمەن ئىگەم ياردەملىرىڭنى، قەدىمدىن بۇيانقى كارامەتلىرىڭنى.

12 زاھىر بولار ئەجىرلىرىڭ خىيالىمدا، بىزلەر ئۈچۈن قىلغان ئىشلىرىڭ دىلىمدا.

13 ئى خۇدا، سېنىڭ يولۇڭ مۇقەددەستۇر، ئۇلۇغلۇقىڭ ئالەمدە يېگانىدۇر.

14 مۆجىزىلەر ئىگىسى بولغان خۇدادۇرسەن، قۇدرىتىڭنى ئىنسانىيەتكە كۆرسەتكەنسەن.

15 قۇدرىتىڭدە قۇتقۇزدۇڭ ئۆز خەلقىڭنى، ياقۇپ بىلەن يۈسۈپنىڭ ئەۋلادىنى. سېلاھ

16 ئى خۇدا، سۇلار سېنى كۆرگىنىدە تىترەپ سەندىن قورققانىدى. دېڭىز تېگى لەرزىگە كەلگەنىدى.

17 قارا بۇلۇت كۆكسىدىن سۇلار تۆكۈپ، ئاسمانمۇ ھەم گۈلدۈرماما گۈلدۈرلىتىپ، نۇر ئوقلىرىڭ چاقماق چېقىپ ئېتىلغانتى.

18 قۇيۇندا گۈلدۈرماماڭ گۈلدۈرلىگەنىدى، چاقمىقىڭدىن جاھان نۇرغا چۆمۈلگەنىدى، ئالاقزادە بولۇپ يەرمۇ تەۋرىگەنىدى.

19 سەن دېڭىزدىن يول ئاچقانىدىڭ، ئۇلۇغ سۇلاردىن ئۆتۈشكە ئىمكان قىلدىڭ، لېكىن ئەسلا كۆرۈنمەس ئىدى ئىزىڭ.

20 يېتەكلىدىڭ قوۋمىڭنى قوي پادىسىدەك، مۇسا ۋە ھارۇننى قىلىپ سەن قويچىدەك.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan