Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

زەبۇر 76 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


76-مۇناجات
بۇ ئاساف يازغان مۇڭلۇق مۇناجات بولۇپ، تارلىق سازلار تەڭكىشىدە ئېيتىلسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان.

1 خۇدا مەشھۇردۇر يەھۇدىيە خەلقىگە، نامى بۈيۈكتۇر ئىسرائىلىيە ئېلىدە.

2 تۇرار جايى سىئوندىدۇر، مۇقەددەس چېدىرى سالېمدىدۇر.

3 ئۇ شۇ يەردە سۇندۇردى دۈشمەننىڭ ئوتلۇق ئوقلىرىنى، چېقىپ تاشلىدى قالقان، قىلىچ ۋە بارلىق جەڭ قوراللىرىنى. سېلاھ

4 ئى خۇدا، شەرىپىڭ پارلاق نۇرلار چاچار، ئوۋغا باي تاغلاردىنمۇ زور ھەيۋىتىڭ بار.

5 دۈشمىنىڭنىڭ باتۇرلىرى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنغاندا، قول كۆرتۈرەلمىدى ھەتتا بىرمۇ پالۋىنى، تامام مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتكەنىدى ھەممىسى.

6 گۈركىرەشلىرىڭدىن ياقۇپ ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن ئى خۇدا، ئات ھەم جەڭ ھارۋىلىرى تۇرۇپ قالدى ئۇرۇش مەيدانىدا.

7 قورقۇشقا تېگىشلىكتۇر پەقەت سەندىنلا، ئى خۇدا، كىممۇ ئۆزىنى تىك تۇتالار غەزىپىڭنىڭ ئالدىدا؟

8-9 ھۆكۈم ئېلان قىلىش ئۈچۈن سەن ئورنۇڭدىن تۇرغىنىڭدا، يەر-زېمىننى باستى قورقۇنچ سۈكىناتى، ئى خۇدا. جاكارلىدىڭ ئەرشئەلادا تۇرۇپ بۈيۈك ھۆكۈمۈڭنى، قۇتقۇزماق بولۇپ جاھاندىكى بارلىق ئېزىلگەنلەرنى. سېلاھ

10 خۇدا سېنىڭ غەزىپىڭ ئاشۇرار شۆھرىتىڭنى، كەمەر قىلىپ باغلىدىڭ بېلىڭگە قەھرىڭنى.

11 ئادا قىلىڭلار قەسەم قىلغاننى پەرۋەردىگارىڭلارغا، سوۋغا كەلتۈرسۇن قوشنا ئەللەر قورقۇشقا لايىق خۇداغا.

12 ئەمەلدارلار كىبرىنى خۇدا سۇندۇرار، قورقار ئۇنىڭدىن بارلىق پادىشاھلار.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan