زەبۇر 75 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى75-مۇناجات ئاساف يازغان مۇناجات بولۇپ، «ھالاك قىلمىغايسەن» دېگەن ئاھاڭدا ئېيتىلسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان. 1 ساڭا شۈكۈر ئېيتىمىز ئى خۇدا، شۈكۈر ئېيتىمىز، چۈنكى سەن يېقىنسەن بىزگە، بايان قىلىمىز كارامەتلىرىڭنى ھەمىشە. 2 خۇدا ئېيتار: «مەن بېكىتكەن ۋاقىتتا، سورىقىمنى ئادالەتتە سورايمەن. 3 تۇرسىمۇ گەر يەر-زېمىنلار تەۋرىنىپ، ئۆزۈمدۇرمەن قويغۇچىسى ئاڭا تۈۋرۈك ئورنىتىپ.» سېلاھ 4 مەن دەيمەن ماختانچاققا: «ماختانما»، پاسىقلارغا: «مەغرۇرلىنىپ غادايما، 5 ئۆز كۈچۈڭدىن كۆرەڭلەپ، تۇمشۇقۇڭنى ئۈشلاپ، پو ئاتما.» 6 چۈنكى يۈكسىلىش كېلەر پەقەتلا خۇدادىن، كەلمەيدۇ، شەرق، غەرب ياكى جەنۇب، شىمالدىن. 7 بەرھەق، پەرۋەردىگار بىردىنبىر سوتچىدۇر، ئۇ بىرىنى ئەزىز قىلىسا، بىرىنى خار قىلار. 8 چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ قولىدا بىر قەدەھ بولار، ئۇنىڭغا ئاچچىق، كۆپۈكلۈك شاراب تولغان بولار. قاچانكى خۇدا ئۇنى تۆكسە زېمىنغا، پاسىقلار دۇغلىرىنى قوشۇپ ئىچىۋالار. 9 ياقۇپلارنى تاللىغان خۇدا ھەققىدە مەن مەڭگۈ گۇۋاھلىق بېرىمەن، ھەم ئۇنىڭ نامىغا مۇناجاتلار ئېيتىمەن. 10 خورىكى چوڭ ماختانچاقلارنىڭ خورىكىنى كېسىۋېتىمەن. بىراق ئادىل-ھەققانىيلارنى شان-شەرەپكە ئېرىشتۈرىمەن. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti