Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

زەبۇر 74 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


74-مۇناجات
ئاساف يازغان تەربىيەۋى مۇناجات

1 تەرك ئەتتىڭ بىزنى نېچۈن ئى خۇدا، بىزنى شۇنداق مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالامسەن؟ سېنىڭ ئىلكىڭدىكى بىزدەك قويلىرىڭغا نېچۈن غەزەپ ئوتلىرىڭنى چاچىسەن؟

2 بەدەل تۆلەپ ئازاد قىلغان قوۋمىڭنى ئەسكە ئالغىن، مۈلكۈم بولسۇن دەپ قۇتقۇزغان قەبىلەڭنى ئەسكە ئالغىن، ئۆزۈڭ ماكان قىلغان سىئون تېغىنى ئەسكە ئالغىن.

3 كېلىپ كۆرگىن خاراب بولغان مۇقەددەس جايىڭنى، دۈشمەنلەر ئۇرۇپ-چېقىپ ۋەيران قىلغان ئۇنىڭدىكى نەرسىلەرنى.

4 رەقىبلىرىڭ داۋراڭ سېلىشتى مۇقەددەس جايىڭدا، غەلىبىسىگە تەنتەنە قىلىشتى تۇغلىرىنى قاداپ ئۇندا.

5 ئۆزلىرىنى كۆز-كۆز قىلىشتى بۇ ھۇجۇمچىلاردەك، پالتىلىرىنى ئوينىتىشتى خۇددى ئورمان كەسكۈچىدەك.

6 ئاندىن ئۇلار مۇقەددەس جايىڭغا كىردى، پالتا ۋە بولقا بىلەن نەقىشلەرنى چېقىشتى.

7 ئى خۇدا، ئۇلار مۇقەددەس جايىڭغا ئوت قويۇشتى، ساڭا ئىبادەت قىلىدىغان جاينى دەپسەندە قىلىشتى.

8 كۆڭۈللىرىدە ئويلاپ ئۇلار «بويسۇندۇرايلى بىز ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى»، كۆيدۈرۈۋەتتى خۇدانىڭ زېمىندىكى مۇقەددەس جايلىرىنى.

9 كارامەتلىرىڭ غايىب بولدى ئارىمىزدىن، پەيغەمبەرمۇ كەتتى يىراق يېنىمىزدىن. قاچانغىچە داۋام قىلار بۇ ئىشلار-ھە، ھېچكىم بىلمەس بۇنى ئەگەر سوراپ باقساڭ ھەممىسىدىن.

10 رەقىبلىرىڭ مەسخىرە قىلار سېنى خۇدا قاچانغىچە؟ ھاقارەتكە قالارمۇ نامىڭ سېنىڭ ئەبەدكىچە؟

11 نېمىشقا تارتىۋالدىڭ قولۇڭنى، ئېھ خۇدا ئوڭ قولۇڭنى؟ قولۇڭنى قوينىڭدىن ئېلىپ خۇدا يوقاتقايسەن ئۇلارنى!

12 ئەزەلدىن بىزگە شاھ بولۇپ كەلگەنىدىڭ خۇدا، قازانغانتىڭ غەلىبىلەرنى بىز ئۈچۈن زېمىنىمىزدا.

13 كۈچۈڭ بىلەن ئىككىگە بۆلگەنىدىڭ دېڭىز سۈيىنى، يارغانىدىڭ ئۇنىڭدىكى ئەجدىھالارنىڭ باشلىرىنى.

14 چاققانىدىڭ دېڭىزدىكى لىۋياتاننىڭ باشلىرىنى، بەرگەنىدىڭ چۆلدىكى ھايۋانلارغا ئوزۇق قىلىپ گۆشلىرىنى.

15 بۇلاق كۆزىنى ئېچىپ يەردىن ھاسىل قىلغانتىڭ ئېرىقلارنى، قۇرۇتقانتىڭ توختىماي ئېقىۋاتقان دەريالارنى.

16 ياراتتىڭ سەن كۈن ۋە تۈن ھەر ئىككىلىسىنى، ئورۇنلاشتۇردۇڭ ئۆز ئورنىغا ئاي ۋە كۈننى.

17 ئايرىدىڭ بارلىق چېگرا-پاسىللارنى، پەيدا قىلدىڭ ئۆزۈڭ ياز بىلەن قىشنى.

18 ئېسىڭدە تۇتقايسەن ئى پەرۋەردىگار، دۈشمەنلىرىڭنىڭ مەسخىرە قىلغانلىرىنى. ئۇنتۇمىغايسەن ئى پەرۋەردىگار، ھاماقەت خەلقنىڭ كۆزگە ئىلمىغانلىرىنى.

19 تۇتۇپ بەرمىگىن ۋەھشىي دۈشمەنگە پاناھسىز بەندىلىرىڭنى، مەڭگۈ ئۇنتۇمىغىن ئېزىلگەن مۆمىنلىرىڭنىڭ ھاياتىنى.

20 بىز بىلەن تۈزگەن ئەھدەڭنى ئېسىڭگە ئالغىن خۇدا، زورلۇق ۋە زومبۇلۇقلار يامراپ كەتتى، زېمىندىكى قاراڭغۇلۇق قاپلىغان بۇلۇڭلاردا.

21 ئېزىلگەنلەر يەرگە قاراپ قالمىسۇن، ئۇلار سېنىڭ نامىڭغا مەدھىيەلەر ئوقۇسۇن.

22 ئارىمىزغا يېنىپ كېلىپ ئى خۇدا، نامىڭنى قوغدىغىنا قايتىدىن. ھاماقەت كىشىلەرنىڭ ھەر دائىم مەسخىرە قىلغانلىرىنى چىقارمىغىن يادىڭدىن.

23 دۈشمىنىڭنىڭ چۇقانلىرى بولسۇن دائىم ئېسىڭدە، توختىمىدى ئۇلارنىڭ داۋراڭلىرى تېخىچە.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan