زەبۇر 73 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى3-بۆلەك 73-مۇناجات ئاساف يازغان مۇناجات 1 بەرھەق! مېھرىباندۇر خۇدا ئىسرائىللارغا، مېھرىباندۇر خۇدا قەلبى پاكلارغا. 2-3 رەزىل ۋە ھاكاۋۇرلارنىڭ روناق تاپقىنىنى كۆرگىنىمدە، ھەسەت قىلدىم ئۇلارغا. كالۋالىشىپ پۇتلىرىم، پۇتلىشىپ يىقىلاي دېدىم شۇڭا. 4 تاكى ئۆلگۈچە ياشايدۇ غۇربەتسىز ئۇلار، تېنى سالامەت، بەدىنى مەزمۇت بولار. 5 ئۇلار باشقىلاردەك دەرد تارتماس، ھەم بالايىئاپەتكە قالماس. 6 كىبىرلىك بوينىدىكى مارجىنىدۇر، زوراۋانلىق ئورۇنۇۋالغان تونلىرىدۇر. 7 كۆزلىرى سېمىزلىكتىن تومپىيىپ چىققان، قەلبىگە ئەخمىقانە نىيەتلىرى تولۇپ تاشقان. 8 مەسخىرە قىلار، زەھەردەك تىللىرى بىلەن سۆزلەيدۇ ئۇلار. مەغرۇرلىنىپ، «زۇلۇم سالىمىز سىلەرگە» دەپ تەھدىت سالار. 9 ئەرشكە قارشىدۇر ئۇلارنىڭ ئېغىزلىرى، قۇرۇق سۆزلەر ھەممە يەردە تىللىرى. 10 شۇڭا خەلق ئۇلارغا بەك يۈزلىنەر، سۇدەك ئىچىپ سۆزلىرىنى يامانلىققا كىرىشەر. 11 دەر رەزىللەر: «ئۇلۇغ خۇدا ھەممىنى بىلەرمۇ؟ بىلسە ئۇ قانداق بىلەر؟» 12 يامانلار مانا شۇنداق رەزىل بولار، ئۇلار دائىم راھەتتە، بايلىق توپلار. 13 قەلبىمنى پاك تۇتقىنىم بىھۇدىمۇ؟ گۇناھسىز ياشاش ھاياتتا بىكارمىدۇ؟ 14 نېمە ئۈچۈن كۈنبويى ئازابتىمەن، نېمە ئۈچۈن ھەر سەھەردە جازادىمەن. 15 ئەگەر مەن شۇنداق ئويدا بولسام ئىدىم، خەلقىڭگە ئاسىيلىق قىلغان بولار ئىدىم. 16 مەن بۇلارنى چۈشىنىشكە تىرىشقاندا بۇلار شۇنچە ئېغىر بىلىندى ماڭا. 17 خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىغا كىرشىمگە چۈشەندىم، نېمىلەرنىڭ بارلىقىنى ئۇلارنىڭ تەقدىرىدە. 18 ئى خۇدا، دەرۋەقە، تېيىلغاق يەرلەرگە قويىسەن ئۇلارنى، تېيىلىپ پارە-پارە بولار ئۇلار ئاخىرى. 19 ۋەھىمە ئىچىدە يوقىلار ئۇلار، ھەم بىر دەقىقىدىلا پارچە-پارچە بولار. 20 ئۇلارنىڭ ھاياتى چۈشكە ئوخشار، ئويغانسىلا ھەممىسى يوقىلار. ئۇلارنى كۆزگە ئىلمايسەن ئەسلا، ئى رەببىم ئورنۇڭدىن قوزغالغاندا. 21 ئىچىم ئېچىشار، يۈرىكىم سانجىلىپ ئاغرار. 22 چۈنكى مەن ھاماقەت، نادان ئىكەنمەن، ئالدىڭدا گويا ئاڭسىز ھايۋان ئىكەنمەن. 23 ئەمما مەن ھەمىشە سېغىنىمەن سېنى، ئى خۇدا ئوڭ قولۇمدىن تۇتتۇڭ مېنى. 24 بىلىمەن، نەسىھەتىڭ مېنى يېتەكلەر، ئاخىرى شان-شەرەپمۇ قولۇمغا كېلەر. 25 سەندىن باشقا مەدەتكارىم يوقتۇر ئەرشتە، سەندىن باشقىنى ئىستىمەسمەن ھەم يەر يۈزىدە. 26 تېنىم، قەلبىم زەئىپلەشسە ئەگەردە، قۇۋۋىتىدۇر خۇدا قەلب، تېنىمنىڭ، مەڭگۈلۈككە نېسىۋەمدۇر ئۇ مېنىڭ. 27 شۈبھىسىزكى، ھالاك بولار سەندىن يىراق تۇرغانلار، يوق قىلىسەن ئۇلارنى، يوقىلىدۇ ساڭا ۋاپاسىز بولغانلار. 28 شۇڭا دەيمەن ئەۋزەلدۇر يېقىن تۇرۇش خۇداغا، پاناھ قىلدىم ھەر زامان پەرۋەردىگارنى ئۆزۈمگە، بايان قىلىپ خۇدانىڭ قۇدرىتىنى ھەممىگە. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti