زەبۇر 72 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى72-مۇناجات سۇلايمان يازغان مۇناجات 1 ئى خۇدا، پادىشاھقا ئاتا قىلغىن ئادالىتىڭنى، بەرگىن شاھنىڭ ئوغلىغا ھەققانىيىتىڭنى. 2 ئۇ خەلقىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈملەرنى ئادىل چىقارغاي، ئاجىز، يوقسۇل بەندىلەرگە ھەققانىي بولغاي. 3 تاغلار ئېلىپ كەلگەي خەلقلەرگە مەمۇرچىلىق، ئادالەتتىن ئېدىرلارمۇ بەرگەي باياشاتلىق. 4 ئاقلىغۇچى بولۇپ پادىشاھ ئېزىلگەن مۆمىنلەرگە، قۇتۇلدۇرغاي نامراتلارنىڭ بالىلىرىنى ھەم بىتچىت قىلغاي زالىملارنى. 5 ئى خۇدا، بەندىلىرىڭ ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە ئىخلاس قىلغاي ساڭا، تاكى كۈن ۋە ئاي پارلاپ تۇرغۇچە ئاسماندا. 6 يامغۇر كەبى پادىشاھنىڭ ھۆكۈمرانى، ياشارتقاي يېڭىدىن ئورۇلغان ئوتلاقلارنى، يېغىن بولۇپ سۇغارغاي يەر-زېمىننى. 7 روناق تاپقاي ھەققانىيلار ئۇنىڭ زامانىدا، تىنچلىق بولغاي زېمىندا تاكى ئاي نۇر بېرىشتىن توختىغىچە ئاسمانغا. 8 ئۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغاي دېڭىزدىن ئوكيانغىچە، فىرات دەرياسىدىن زېمىننىڭ چېتىگىچە. 9 چۆل-باياۋاندا ياشاۋاتقانلار تىز پۈكەر ئۇنىڭغا، رەقىبلىرى مەغلۇپ بولار مىلىنىپ توپا-چاڭغا. 10 ئۇنىڭغا باج تاپشۇرار تارشىش ۋە ئاراللارنىڭ پادىشاھلىرى، سوۋغا تەقدىم قىلىشار شىبا ۋە سىبانىڭ شاھلىرى. 11 بارلىق پادىشاھلار ئۇنىڭغا باش ئېگەر، خىزمىتىدە بولار بارچە خەلقلەر. 12 ئۇ قۇتقۇزار نالە قىلغانلارنى، باشپاناھسىز ئاجىزلارنى، مەدەتكارى يوق يوقسۇللارنى. 13 ئىچ ئاغرىتار ئۇ ئاجىز، يوقسۇللارغا، پاناھ بولار ئۇ غېرىب پاناھسىزلارغا. 14 ئۇ خالاس قىلار زۇلۇم ۋە زوراۋانلىقتىن ئۇلارنى، ئۇنىڭ نەزىرىدە قىممەتتۇر ئۇلارنىڭ جېنى. 15 ياشىسۇن پادىشاھ! ئۇنىڭغا شىبانىڭ ئالتۇنلىرى سوۋغا بولغاي، دائىم دۇئالار قىلىنىپ، كۈنبويى بەخت تىلەنگەي. 16 ئېتىزلاردا زىرائەتلەر مول بولغاي، ئېدىرلاردا ھەتتا باشاق ئوخشىغاي. ھوسۇللار لىۋان تاغلىرىدىكى ئورمانلاردەك زىيادە بولغاي، شەھەر ئاھالىلىرى يايلاقتىكى چۆپتەك روناق تاپقاي. 17 نامى ئۇنىڭ مەڭگۈ ئۆچمىگەي، ھەر چاغ قۇياش كەبى پارلىغاي، بەخت تاپقاي بارلىق قوۋملار ئۇنىڭدىن، ھەممە خەلقلەر ئۇنى بەختلىك دەپ ئاتىغاي. 18 تەرىپلەنگەي ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار، بارچە مۆجىزە ۋە كارامەتلەر ئىگىسى پەقەت ئۇدۇر. 19 مەڭگۈگە تەرىپلەنگەي ئۇنىڭ نام-شەرىپى، پۈتكۈل يەر يۈزىنى قاپلىغاي شان-شەرىپى. ئامىن، ئامىن! 20 (شۇنىڭ بىلەن يىشاينىڭ ئوغلى داۋۇتنىڭ دۇئالىرى تامام بولدى.) |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti