زەبۇر 71 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى71-مۇناجات 1 پەرۋەردىگار، سەنلا باشپاناھدۇرسەن ماڭا، مېنى يەرگە قاراتمىغىن قىلىپ رەسۋا. 2 قۇتقۇزغىن مېنى ئۆز ھەققانىيلىقىڭدا، قۇتۇلدۇر مېنى قۇلاق سېلىپ ئاھلىرىمغا. 3 قورام تاشتەك پاناھ بولغىن دائىم ماڭا، سەن مېنىڭ تېغىمدۇرسەن قورغان كەبى، ئىرادە قىلدىڭ مېنى ئۆزۈڭ قۇتقۇزماققا. 4 ئىگەم مېنى ئازاد قىلغىن رەزىللەرنىڭ قولىدىن، ئادالەتسىز، رەھىمى يوق ئادەملەرنىڭ ئالىقىنىدىن. 5 ئۆزۈڭ ئۈمىدىمسەن، ئى پەرۋەردىگار خۇدايىم، ياشلىقىمدىن تارتىپ سەن بولدۇڭ تايانچىم. 6 ھامىلە ۋاقتىمدىن باشلاپ ساڭا تاياندىم، ئانامنىڭ قورسىقىدىن سەن ئۆزۈڭ چىقاردىڭ، شۇندىن بۇيان مەدھىيەمنى ساڭا ئاتاپ كەلدىم. 7 كۆپ ئادەملەر ئۈچۈن نەمۇنە مەن، چۈنكى سەن قۇدرەتلىك پاناھىمدۇرسەن. 8 ئاغزىمدىن ئەسلا چۈشمەس ساڭا ھەمدۇسانالار، چۈشمەس شان-شەرىپىڭنى ئالقىشلىغان سادالار. 9 تاشلاپ كەتمىگىن مېنى قېرىپ ھالىم قالمىغاندا، تەرك ئەتمىگىن مېنى قۇۋۋىتىمدىن ئايرىلغاندا. 10 چۈنكى دۈشمەنلىرىم مېنى قەستلىشىپ، جېنىمنى ئالماق بولغانلار بىرلىشىپ، 11 دېيىشەر: «خۇدا ئۇنى تەرك ئەتتى، ئۇنى قوغلاپ تۇتايلى، قۇتۇلدۇرىدىغانلار يوقتۇر ئەمدى.» 12 مەندىن يىراق كەتمىگىن ئى خۇدا، ياردەمگە تېزراق كەلگىن يېنىمغا. 13 مېنى قارىلىغۇچىلار شەرمەندە بولۇپ يوق بولسۇن، ماڭا قەست ئويلىغانلار رەسۋا بولۇپ جاق تويسۇن. 14 بىراق ئۆزۈم ئۈمىدسىز بولمايمەن زىنھار، ساڭا بولغان ئالقىشلىرىم بارغانچە ئاشار. 15 ئاغزىمدىن چۈشمەس ئادالىتىڭ ۋە نىجاتىڭ، ئەقلىم يەتمەيدىغان ئاشۇ ئاجايىپ ئىشلىرىڭ. 16 لەببەي بولۇپ ئالدىڭدا، مەدھىيەلەيمەن بۈيۈك ئىشلىرىڭنى رەببىم خۇدا، جاكارلايمەن ھەققانىي دەپ پەقەت سېنىلا. 17 ئى خۇدايىم، بىلمىگەننى سەن بىلدۈردۈڭ ياشلىقىمدىن، كارامەتلىرىڭنىڭ جاكارچىسى بولۇپ كەلدىم شۇ چاغدىن. 18 قېرىپ ئاقارغاندا قارا چاچلىرىم، تاشلاپ كەتمە مېنى ئىلاھىم. بايان قىلاي ئەۋلادلارغا قۇدرىتىڭنى، سۆزلەپ بېرەي مەندىن كېيىن كەلگەنلەرگە، سېنىڭ كۆرسەتكەن ئۇلۇغ مۆجىزىلىرىڭنى. 19 ئۇلۇغ كارامەتلەرنى قىلغان تەڭداشسىز خۇدا، تاقىشار ئادالىتىڭ ئاسمان-پەلەككە، كىممۇ قىلالار بۇنداق ئىشنى ئوخشاش ساڭا. 20 ماڭا ئازاب-كۈلپەتلەرنى كۆرسەتكىنىڭ، دەل گۆر ئاغزىدىن مېنى تارتىپ ئېلىپ، جانلاندۇرۇپ يېڭى ھاياتقا باشلىغىنىڭ. 21 تېخىمۇ بەك ئۈستۈن قىلىسەن ھۆرمىتىمنى، يېنىمغا كېلىپ ماڭا بېرىسەن تەسەللى. 22 ئىلاھىم كۈيلەيمەن سېنى چېلىپ لىرا، ساداقىتىڭگە ئېيتىمەن ھەمدۇسانا، ساڭا مەنسۇپ كۈيلىرىم بار چىلتارىمدا، ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدا. 23 سېنى كۈيلىسەم تەنتەنە قىلار لەۋلىرىم، شادلىنار، سەن ھۆر قىلغان قەلبىم. 24 تىلىم ھەمىشە بايان ئەيلەر سېنىڭ ئادالىتىڭنى، چۈنكى رەسۋا قىلىپ يىقىتتىڭ شۇم نىيەتتە بولغانلارنى. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti