Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

زەبۇر 70 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


70-مۇناجات
داۋۇت يازغان خاتىرە مۇناجىتى بولۇپ، ناخشا قىلىپ ئېيتىلسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان.

1 ئى پەرۋەردىگار، تېزرەك ياردەم قىلىپ ماڭا، قۇتقۇز مېنى ئى خۇدا.

2 يۈزى چۈشۈپ شەرمەندە بولسۇن، ھاياتىمغا قەست قىلغانلار. رەسۋا بولۇپ ئارقىدا قالسۇن، جاپايىمدىن شادلانغانلار.

3 مەسخىرە قىلىپ، كۈلگەنلەر ماڭا، شەرمەندە بولۇپ قايتسۇن ئارقىغا.

4 سەندىن خۇشال بولۇپ، شادلانسۇن، ھەممە تەلپۈنگەنلەر ساڭا. نىجاتلىقىڭنى سۆيگەنلەر، دېسۇن دائىم «ئۇلۇغدۇر خۇدا».

5 مەن بىر بىچارە، ھاجەتمەن، ئى خۇدا، تېز كەلگەيسەن يېنىمغا. سەن مېنىڭ مەدەتكارىم، قۇتقۇزغۇچىم، ئى پەرۋەردىگار، ئۆتۈنەي، ھايال بولما.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan