Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

زەبۇر 7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


7-مۇناجات
بىنيامىن قەبىلىسىدىن بولغان كۇش ئىسىملىك بىر ئادەمنىڭ قىلغان سۆزىگە قارىتا داۋۇتنىڭ پەرۋەردىگارغا ئىلتىجا قىلىپ ئېيتقان مۇناجىتى.

1 ئى ئىگەم پەرۋەردىگار، تاپىمەن پاناھ سەندىن، خالاس قىلىپ بارلىق دۈشمەنلىرىمدىن، قۇتقۇزغايسەن مېنى قوغلاپ يۈرگەنلەردىن.

2 بولمىسا، ئۇلار شىردەك تىتىپ تاشلار مېنى، ھېچكىمىم يوقتۇر قۇتقۇزىدىغانغا جېنىمنى.

3 ئى پەرۋەردىگارىم، قىلغان بولسام بىرەر يامانلىقنى، بۇلغىغان بولسام ناھەق ئىشلار بىلەن قوللىرىمنى،

4 قىلغان بولسام دوستۇمغا يامانلىقنى، سەۋەبسىز بۇلىغان بولسام دۈشمىنىمنى،

5 دۈشمىنىم تۇتۇۋالسۇن قوغلاپ مېنى، جېنىمنى ئالسۇن ئۇلار چەيلەپ تېنىمنى، يەر بىلەن يەكسان قىلسۇن ئىززىتىمنى. سېلاھ

6 ئى پەرۋەردىگار، غەزەپلەنگىن، سۈكۈت قىلما، قارشى چىققىن قەھرلىك دۈشمەنلىرىمگە ئى خۇدا، مەن ئۈچۈن ئويغانغىن، ئۇلارنى تارتقىن سوتقا، سەن بېكىتكەن ھۆكۈمنى ئادا قىلغىن ئۇلارغا.

7 سوت ئاچماق ئۈچۈن ئولتۇرغىن بۈيۈك ئورنۇڭدا، ھەممە خەلقلەر توپلاشسۇن ئەتراپىڭغا.

8 پەرۋەردىگار سوت ئاچار خەلقلەرگە، ئى پەرۋەردىگار قىلغايسەن ھۆكۈم لايىق ھالدا ھەققانىي، دىيانىتىمگە.

9 ئاخىرلاشتۇرغىن رەزىللەرنىڭ يامانلىقىنى، تەۋرەنمەس قىلغىن ھەققانىيلارنى، ئى ھەققانىي خۇدا، سىنىغۇچىسەن قەلبلەرنى.

10 قالقىنىمدۇر خۇدا، نىجاتكار بولۇر قەلبى پاكلارغا.

11 ئادىل سوتچىدۇر خۇدا، نەپرەتلىنەر رەزىللەردىن دائىما.

12 ئەگەر تاشلىمىسا ئىنسان يامان يولىنى، بىلەپ ئۇ قىلىچىنى، بەتلەپ قۇيار يا ئوقىنى.

13 ئۇ تەييارلاپ قويغاندۇر ئەجەللىك قوراللارنى، بەتلەپ قويغاندۇر يايىنىڭ ئوتلۇق ئوقىنى.

14 رەزىل كىشى گۇناھقا ھامىلدار بولار، قورسىقى ئاچچىق زەھەرگە تولار، تۇغقان بالىسى يالغانچى بولار.

15 كىم كولىسا باشقىلار ئۈچۈن ئورا، يىقىلىپ چۈشەر ئۆزى ئۇنىڭغا.

16 كىم يامانلىق قىلسا باشقىلارغا، يېنىپ كېلەر ئۆز بېشىغا. كىم زۇلۇم سالسا باشقىلارغا، يېنىپ كېلەر ئۆز بېشىغا.

17 تەشەككۈر ئېيتىمەن ھەققانىي پەرۋەردىگارغا، مەدھىيە ئوقۇيمەن ئۇلۇغ خۇدانىڭ نامىغا.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan