زەبۇر 69 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى69-مۇناجات داۋۇت يازغان مۇناجات بولۇپ، «نېلۇپەر» ئاھاڭىدا ئېيتىلسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان. 1 ئى خۇدا قۇتقۇزغىن مېنى، سۇ تۇمشۇقۇمغا يەتتى! 2 تېگى يوق پاتقاققا پېتىپ كەتتىم، كەلكۈندە غەرق بولۇپ، چوڭقۇرغا چۆكۈپ كەتتىم. 3 پەرياد چېكىپ ھالىم كەتتى، گاللىرىم قۇرۇپ كەتتى، تەلمۈرۈپ خۇدايىمغا كۆزۈمنىڭ نۇرى كەتتى. 4 چېچىمدىن كۆپتۇر مېنىڭ، سەۋەبسىز ماڭا ئۆچلەر. قارا چاپلار ماڭا ئۇلار، مېنى يوقاتماقچى بولغانلار _ مەندىن كۈچلۈك دۈشمەنلەر. مەن بۇلىمىغان نەرسىنى، قايتۇرۇپ بەر، دەيدۇ ئۇلار. 5 ئى خۇدا، نادانلىقىم ساڭا ئايان، مېنىڭ يەنە قەبىھلىكلىرىم _ يوشۇرۇن ئەمەس، ساڭا ئايان. 6 ئى پەرۋەردىگار _ قۇدرەتلىك سەردار خۇدا، مېنىڭ سەۋەبىمدىن ئۈمىدىنى ساڭا باغلاپ كۈتكەنلەر يەرگە قاراپ قالمىغاي. ئى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا، ساڭا تەلپۈنگەنلەر، مېنىڭ سەۋەبىمدىن شەرمەندە بولمىغاي. 7 ھاقارەتلەندىم سەن ئۈچۈن خۇدا، يۈزۈم چۈشۈپ، قالدىم نومۇستا. 8 يات بولدۇم تۇغقانلىرىمغا، ياققا يۇرتلۇق ئاتالدىم قېرىنداشلىرىمغا. 9 چۈنكى مۇقەددەس ئۆيۈڭگە بولغان مۇھەببىتىم ئۇرغۇتىدۇ خۇددى ئوتتەك مېنىڭ قەلبىمنى. ساڭا ھاقارەت قىلغانلارنىڭ ھاقارەتلىرىمۇ، باستى ھەم مېنىڭ ئۈستۈمنى. 10 مەن روزا تۇتۇپ يىغلىسام تۆۋەن تۇتۇپ ئۆزۈمنى، مەسخىرە قىلدى ئۇلار مېنى. 11 ماتەم تۇتۇپ، مەيۈسلىنىپ يۈرسەممۇ ئۆزۈم، مەن ئۇلارنىڭ سۆز-چۆچىكىگە يەنە قالدىم. 12 تەنە قىلدى شەھەر قوۋۇقىدا ئولتۇرغانلار، مەيخورلارنىڭ ناخشىسىغا تېما بولدۇم. 13 شۇنداقتىمۇ دۇئا قىلىمەن توختىماي ساڭا، مەڭگۈلۈك مۇھەببەت بولغاچ سەندە، خالىغان ۋاقتىڭدا، ئىشەنچلىك نىجاتلىقىڭنى دۇئالىرىمغا جاۋاب قىلىپ، بەرگىن ماڭا. 14 قۇتقۇز مېنى ماڭا ئۆچ بولغانلاردىن، قۇتقۇز مېنى پېتىپ قالغان پاتقاقلىقتىن، قۇتقۇز مېنى سۇنىڭ چوڭقۇر قاينىمىدىن. 15 غەرق قىلما مېنى كەلكۈن سۇلىرىغا، يۇتقۇزمىغىن مېنى دېڭىز دولقۇنىغا، يەم قىلمىغىن مېنى تەگسىز ھاڭغا. 16 ئى پەرۋەردىگار، ماڭا ئۆزۈڭ جاۋاب بەرگىن، چۈنكى مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭ ئەۋزەل ماڭا، مېھرى چەكسىز جامالىڭنى كۆرسەت خۇدا. 17 جامالىڭنى مەن قۇلۇڭدىن يوشۇرمىغىن، چۈنكى ئېغىر كۈن چۈشتى مېنىڭ بېشىمغا. ئى ئىلاھىم، ماڭا تېزدىن جاۋاب بەرگىن. 18 ئى پەرۋەردىگار، يېقىنلاشقىن ماڭا، خالاس قىلىپ دۈشمەنلىرىمدىن، قۇتقۇزغۇچى بولغىن جېنىمغا. 19 بىلىسەن مېنىڭ قانداق ھاقارەتلەنگەنلىكىمنى، رەسۋا بولۇپ بىھۆرمەت قالغانلىقىمنى، سەن بىلىسەن مېنىڭ بارلىق رەقىبلىرىمنى. 20 قەلبىمنى زىدە قىلدى ھاقارەتلەر، قايغۇ ۋە ھەسرەتلەرگە چۆمۈلدىم. تەلمۈرسەممۇ ھېسداشلىق قىلارمۇ دەپ بىرەرى، ياكى تەسەللى بىرەرمۇ دەپ بىرەرسى، بىرەرسىمۇ چىقمىدى، يوقتۇر ھېچكىم. 21 ئۇلار بەردى ئوزۇقلۇقۇمغا زەھەرنى، ئۇسسۇزلۇقۇمغا بۇزۇلغان شارابنى. 22 زىياپىتى ئۆزلىرىگە قىلتاق بولغاي، مېھمانلىرى ئۈچۈن قاپقان بولغاي. 23 بەل-پۇتلىرى مادارسىز تىترەپ تۇرغاي، كۆزلىرى تورلىشىپ كور بولغاي. 24 غەزىپىڭنى ئۇلارغا چۈشۈرگەيسەن، قەھرىڭنىڭ ئوتىدا كۆيدۈرگەيسەن. 25 ماكانلىرى ئۇلارنىڭ خاراب بولسۇن، چېدىرلىرى چۆلدەرەپ قالسۇن. 26 چۈنكى ئۇلار تېخىمۇ زىيانكەشلىك قىلماقتا سەن جازالىغانلارغا، ئازاب قوشماقتا سەن زەخىملەندۈرگەنلەرنىڭ ئازابىغا. 27 ئى پەرۋەردىگار، جازا قوشقىن ئۇلارنىڭ جازاسىغا، ھەم ئادالەتنىڭ نېسىۋىسىنى بەرمىگىن ئۇلارغا. 28 ئۆچۈرۈۋەتكىن ھاياتلىقنىڭ دەپتىرىدىن ئۇلارنى، ھەم ھەققانىيلار قاتارىغا پۈتمىگىن ئۇلارنى. 29 بىراق ئۆزۈم دەرد تارتتىم ۋە ئېزىلدىم، قۇتقۇز مېنى، پاناھىڭغا ئال ئىگەم. 30 مەدھىيەلەيمەن مۇناجاتتا نامىڭنى، ئۇلۇغلايمەن شۈكۈر ئېيتىپ سېنى. 31 بۇنداق قىلىش سېنى خۇرسەن قىلار، بۇ ساڭا ئۆكۈز تەقدىم قىلغاندىن ئەۋزەلدۇر، مۈڭگۈزلۈك ۋە تۇياقلىق بۇقىلاردىنمۇ ئەلادۇر. 32 ئېزىلگەنلەر بۇنى كۆرۈپ خۇش بولار، خۇداغا تەلپۈنگەنلەر روھلىنىپ ئىلھاملىنار. 33 چۈنكى خۇدا قۇلاق سالار موھتاجلارنىڭ دەردلىرىگە، ئېتىبارسىز قارىماس ئازاب تارتقان بەندىلىرىگە. 34 مەدھىيەلىسۇن ئاسمان-زېمىن خۇدانى، مەدھىيەلىسۇن دېڭىز-ئوكيان، جانىۋارلار ھەم ئۇنى. 35 چۈنكى خۇدا قۇتقۇزار سىئوننى، قايتا بىنا قىلار يەھۇدىيە شەھەرلىرىنى. ئۇ يەر خۇدانىڭ خەلقىگە مەنسۇپ بولار، ئۇلار شۇ زېمىندا ھەم ماكانلىشار. 36 خۇدا قۇللىرىنىڭ ئەۋلادلىرىغا بۇ زېمىننى ئاتا قىلار. خۇدانى سۆيگەنلەر بۇ يەرلەردە ماكانلىشار. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti