زەبۇر 68 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى68-مۇناجات داۋۇت يازغان مۇناجات بولۇپ، ناخشا قىلىپ ئېيتىلسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان. 1 ھەرىكەت قىلغان بولسا ئىدى پەرۋەردىگار، دۈشمەنلىرى تىرىپىرەن بولار ئىدى. ئۆچمەنلىرى ھەر تەرەپكە قاچار ئىدى. 2 شامال ئۇچۇرۇپ كەتكەندەك ئىس-تۈتەكنى، خۇدا جەزمەن يوق قىلىدۇ رەزىللەرنى. ھالاك بولار رەزىللەر خۇدا ئالدىدا، خۇددى مومدەك ئېرىگەن ئوتتا. 3 ھەققانىيلار تەنتەنە قىلىپ، خۇشال بولار، خۇدا ھۇزۇرىدا روھى ئۇرغۇپ، شادلىنار. 4 خۇداغا ھەمدۇسانا ئېيتىڭلار، نامىنى كۈي-ناخشىغا قېتىڭلار. ئۇ بۇلۇتلار ئۈستىدىدۇر، ئۇلۇغلاڭلار، «مەڭگۈ بار بولغۇچى _ ياھ»دۇر ئۇنىڭ نامى. ھۇزۇرىدا خۇشاللىققا چۆمۈڭلار. 5 ئاتا بولغان يېتىملارغا، ئىگە چىققان تۇل خوتۇنلارغا، ئۇ خۇدادۇر، ماكانى مۇقەددەستۇر. 6 ئۆي-ئۇچاقلىق قىلار خۇدا غېرىبلارنى، ئازاد قىلىپ، مۇنبەت يەرگە باشلار سۈرگۈنلەرنى، لېكىن، قاغجىراق يەرگە قالدۇرار بويسۇنمىغانلارنى. 7-8 ئى سىناي تېغىدا سۆزلىگەن خۇدا، ئى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا، زېمىن تىترەپ، يامغۇر تۆكتى ئاسمان باغرىدىن، ئۆز قوۋمىڭنى چۆللەر ئارا باشلاپ ماڭغىنىڭدا. 9 ئى خۇدا، زېمىن ۋە بەندىلىرىڭ ئۈستىگە، خاسىيەتلىك يامغۇرۇڭنى ياغدۇردۇڭ. ھالسىرىغاندا ئۇلارغا قۇۋۋەت بەردىڭ. 10 شەپقىتىڭگە نائىل بولغان بەندىلىرىڭ ماكان تۇتتى، ئېزىلگەن قوۋمىڭ سېنىڭ بەرىكىتىڭگە ئېرىشتى. 11 پەرۋەردىگار غەلىبىسىنى جاكارلىدى، قىز-ئاياللار توپ بولۇپ، خۇش خەۋەرنى تارقاتتى: 12 «پادىشاھلار ۋە ئۇلارنىڭ قوشۇنلىرى قېچىشتى.» ئۆيدە ئولتۇرغان قىز-ئاياللار ئولجىلارنى بۆلۈشتى. 13 بايلىق بولدى ھەممىسىگە بۇ ئولجىلار، باي بولدى ھەتتا ئۆي-ماكانسىز پادىچىلار، ئىگە بولدى يەنە كۈمۈش قاناتلىق، ئالتۇن پەيلىك كەپتەرلەرگە ئۇلار. 14 قادىر خۇدا يات شاھلارنى تىرىپىرەن قىلغىنىدا، قار ياغقاندەك ھالەت پەيدا بولدى زالمون تېغىدا. 15 ئەي ھەيۋەتلىك باشان تېغى، چوققىلىرىڭ شۇنچە كۆپ تېخى، 16 ئەي ھاكاۋۇر باشان تېغى، نېچۈن شۇنچە ھەسەت بىلەن قارايسەن، خۇدا ماكان قىلىپ تاللىغان سىئون تېغىغا _ خۇدا مەڭگۈ ماكان تۇتقان تۇرسا ئۇنىڭدا؟ 17 خۇدانىڭ جەڭ ھارۋىلىرى نۇرغۇن، سان-ساناقسىز، سىناي تېغىدىن مۇقەددەس ئىبادەتخانىغا كىرەر ئىگىمىز. 18 رەببىمىز سەن يۇقىرىغا چىققىنىڭدا، ئېلىپ كېتىسەن نۇرغۇنلىغان ئەسىرلەرنى. سېلىق قوبۇل قىلىسەن ئىنسانلاردىن، ھەتتا ساڭا ئىتائەتسىزلىك قىلغانلاردىن، ئىگەم خۇدا ئورۇن ئالىسەن سىئوندىن. 19 مەدھىيەلەر بولسۇن ئىگىمىزگە، ئۇ ھەر كۈنى ئېغىرچىلىقىمىزنى كۆتۈرمەكتە، پەرۋەردىگار نىجاتكاردۇر بىزگە. سېلاھ 20 پەقەت بىزنىڭ رەببىمىز نىجاتكار خۇدا، ئۆلۈمدىن قۇتقۇزۇش قادىر ئىگەمنىڭ قولىدا. 21 بەرھەق، خۇدا كۇكۇم-تالقان قىلىۋېتەر دۈشمەنلىرىنىڭ بېشىنى، چاقار يامان يولدا مېڭىۋەرگەنلەرنىڭ ئۇزۇن چاچلىق بېشىنى. 22 پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى: «دۈشمەنلىرىمنى قايتۇرۇپ كېلىمەن باشان دىيارىدىن، ئېلىپ چىقىمەن ئۇلارنى دېڭىزنىڭ چوڭقۇر يېرىدىن. 23 شۇنىڭ بىلەن مىلىنىدۇ پۇتلىرىڭ قانغا _ دۈشمەنلىرىڭنىڭ قېنىغا، ئۇلاردىن ئالالايدۇ نېسىۋىسىنى ئىتلىرىڭمۇ.» 24 ئى خۇدا، سېنىڭ زەپەر قەدەملىرىڭ كۆرۈنمەكتە، ئى خۇدا، مېنىڭ پادىشاھىم بولغان پەرۋەردىگارىم _ مۇقەددەس ئىبادەتخانىغا كېتىۋاتقىنىڭ كۆرۈنمەكتە. 25 ماڭماقتا ئالدىڭدا مۇناجاتچىلار، كەينىڭدە سازچىلار. ئوتتۇرىسىدا داپچى قىزلار. 26 جامائەتلەر ئارا ئالقىش-سادا ياڭرىتىڭلار خۇداغا، ئەي ئىسرائىللار، مەدھىيە ئوقۇڭلار پەرۋەردىگارغا. 27 ئەنە ئۇ يەردە كىچىك بىنيامىن قەبىلىسى ئۇلارغا باشلامچى بولۇپ ماڭماقتا. باردۇر ئۇلارنىڭ كەينىدە سەپ تۈزگەن يەھۇدا ئەمىرلىرى، شۇنداقلا زەبۇلۇننىڭ ھەم نافتالىنىڭ ئەمىرلىرى. 28 ئى خۇدا، نامايان قىلىپ قۇدرىتىڭنى، ئىلگىرى كۆرسەتكەندەك كۆرسەتكىن كۈچۈڭنى. 29 كېلىپ يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخاناڭغا، پادىشاھلار ئاتار ھەدىيەلەر ساڭا. 30 تەنبىھ بەرگىن قومۇشلۇقتىكى ئاشۇ يىرتقۇچ ھايۋانلارغا، بۇقىلار باشلاپ ماڭىدىغان موزايلار كەبى يات ئەللەرگە. يەرگە ئۇرغىن بىزدىن كۈمۈش-تەڭگە تەمە قىلغانلارنى، تارمار قىلغىن ھەم يات ئەللەردىكى ئۇرۇشخۇمارلارنى. 31 مىسىردىن مۆتىۋەر ئەلچىلەر كېلەر، ئېفىيوپىيە خۇداغا خالىس ھەدىيە تەقدىم قىلار. 32 ئى جاھاندىكى پادىشاھلىقلار، ئىگىمىزگە مەدھىيە ناخشا ئېيتىڭلار، رەببىمىزنى كۈيىڭلەرگە قېتىڭلار. سېلاھ 33 قەدىمدىن بار بولغان، ئاسمانلاردا يۈرىدىغان، قۇدرەتلىك ئاۋازىدا ئاسمان باغرىنى يارغان، ئىگىمىزنىڭ شەنىگە كۈي-ناخشىلار ئېيتىڭلار. 34 جاكارلاڭلار پەرۋەردىگارنىڭ قۇدرىتىنى، ئۇ يۈرگۈزەر ئىسرائىل ئۈستىدىن سەلتەنەتلىك ھوقۇقىنى، نامايان قىلار ئۇ ھەم سامادا كۈچ-قۇدرىتىنى. 35 شەۋكەتلىكتۇر خۇدا مۇقەددەس ئىبادەتخانىسىدا. ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار، ئۆز قوۋمىغا كۈچ-قۇدرەت ئاتا قىلار. مەدھىيەلەر ئوقۇلغاي خۇداغا! |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti