زەبۇر 67 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى67-مۇناجات بۇ مۇناجات تارلىق سازلاردا تەڭكەش قىلىنىپ، ناخشا قىلىپ ئېيتىلسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان. 1 بىزنى بەختلىك قىلغايسەن خۇدا، شەپقىتىڭنى كۆرسىتىپ بىزگە، دىدارىڭنىڭ جىلۋىلىرىنى، چېچىپ بىزنىڭ ئۈستىمىزگە. سېلاھ 2 ئالەم ئارا مەلۇم بولغاي سېنىڭ يولۇڭ، بارچە ئەللەر ئارىسىدا نىجاتلىقىڭ. 3 مەدھىيەلىگەي سېنى خۇدا ھەممە خەلقلەر، ھەمدۇسانا ئوقۇغاي ساڭا جىمى مىللەتلەر. 4 بارچە ئەلنى بىر ئۆزۈڭ يېتەكلەيسەن ئى خۇدا، ھەم ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن ئادىل ھۆكۈم چىقىرىسەن ئى خۇدا، شۇڭا بارلىق ئىنسانلار شادلىنىپ ئالقىش ياڭراتقاي ساڭا. سېلاھ 5 مەدھىيەلىگەي سېنى خۇدا ھەممە خەلقلەر، ھەمدۇسانا ئوقۇغاي ساڭا جىمى مىللەتلەر. 6 يەر-زېمىندىن ئالدۇق ھوسۇلنى، خۇدايىمىز بەختىيار قىلدى بىزنى. 7 خۇدا بىزگە بەخت ئاتا قىلغاي، بارچە ئىنسان ئۇنىڭغا ئىخلاس قىلغاي. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti