زەبۇر 66 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى66-مۇناجات داۋۇت يازغان مۇناجات بولۇپ، ناخشا قىلىپ ئېيتىلسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان. 1-2 ئەي جاھان ئەھلى خۇداغا ياڭرىتىڭلار ئالقىشلار، خىسلەتلىرىنى تەرىپلەپ كۈي-ناخشىغا قېتىڭلار، ھاياجاندا ئۇنىڭغا مەدھىيەلەر ئوقۇڭلار. 3 شۇنداق دەڭلار ئەي خالايىق خۇداغا: «نەقەدەر ھەيۋەتلىك-ھە قۇدرىتىڭ! كۆرسىتىلگەندە كارامىتىڭ ئى خۇدا، دۈشمەنلىرىڭ تۈگۈلۈپ قالار ئالدىڭدا. 4 پۈتكۈل يەر-جاھان سەجدە قىلماقتا ساڭا، كۈيلەپ ھەمدۇسانا ئوقۇماقتا نامىڭغا.» سېلاھ 5 كۆرۈڭلار خۇدانىڭ بۈيۈك قۇدرىتىنى، ئۇنىڭ كۆرسەتكەن كارامەتلىرىنى. 6 ئۇ يول ئاچتى دېڭىزنى يېرىپ، مېڭىپ ئۆتتى خەلقلەر قۇرغاق يولدىن. تەنتەنە قىلدۇق مىننەتدار بولۇپ خۇدادىن. 7 ئۆز قۇدرىتى بىلەن مەڭگۈ ھۆكۈم سۈرىدۇ خۇدا، پۈتكۈل ئىنسان ئىشلىرى ئاياندۇر كۆز ئالدىدا. ئىتائەتسىزلەر قارشى چىقمىسۇن ئۇنىڭغا. سېلاھ 8 ئەي يات خەلقلەر مەدھىيەلەڭلار خۇدايىمىزنى، ياڭرىتىڭلار ئۇنىڭغا ئاتاپ ھەمدۇسانا، ئالقىشلارنى. 9 ئۇ ساقلاپ كەلدى ھاياتىمىزنى، تېيىلىپ كېتىشتىن پۇتلىرىمىزنى. 10 ئى خۇدا، سەن بىزنى سىنىدىڭ، كۈمۈشنى ئوتتا تاۋلىغاندەك تاۋلىدىڭ. 11 سەن تۇزاققا چۈشۈردۈڭ بىزنى، يەلكىمىزگە ھەم ئارتتىڭ ئېغىر يۈكنى. 12 غەلىبە قىلدۇرغانىدىڭ ئۈستىمىزدىن دۈشمىنىمىزنى. سەن ئۆزۈڭ سۇدىنمۇ، ئوتتىنمۇ ئۆتكۈزۈپ بىزنى، ئاخىرى مولچىلىققا ئېلىپ كەلدىڭ خەلقىمىزنى. 13-14 ئى خۇدا، ساڭا ۋەدە بەرگەنىدىم كۈلپەتتە قالغىنىمدا، قەسەم قىلغانىدىم يەلكەمنى ئېغىر كۈن باسقىنىدا. ئېلىپ كىرىپ ئىبادەتخاناڭغا كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى، ئادا قىلىمەن دەپ، ساڭا بەرگەن قەسەملىرىمنى. 15 ئى خۇدا ساڭا ئاتاپ بورداق ماللارنى، كۆيدۈرمە قۇربانلىققا بېغىشلايمەن. قوچقار يېغىنى كۆيدۈرۈپ، پۇرىتىمەن، بۇقا ۋە ئۆچكىلەرنىمۇ ئۆزۈڭگە سۇنىمەن. سېلاھ 16 ئەي خۇداغا ئىخلاسى بارلار، تىڭشاڭلار سۆزۈمنى، سۆزلەپ بېرەي خۇدانىڭ ماڭا كۆرسەتكەن كارامەتلىرىنى. 17 ئاۋازىمنى كۆتۈرۈپ خۇداغا قىلدىم نىدا، ئوقۇدۇم ئۇنىڭغا مەدھىيە، ھەمدۇسانا. 18 پەرۋەردىگار قۇلاق سالماس ئىدى دۇئايىمغا، مايىل بولسا ناۋادا قەلبىم مېنىڭ گۇناھقا. 19 شۈبھىسىزكى، دۇئايىمنى ئاڭلىدى خۇدا، دۇئا قىلغىنىمدا قۇلاق سېلىپ تۇردى ماڭا. 20 تەرىپلەيلى ھەممىمىز خۇدايىمىزنى، ئۇ رەت قىلمىدى دۇئايىمنى، مەندىن خالىي قىلمىدى مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىنى. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti