Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

زەبۇر 65 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


65-مۇناجات
داۋۇت يازغان مۇناجات بولۇپ، ناخشا قىلىپ ئېيتىلسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان.

1 ھەمدۇسانا ئوقۇماق بولۇپ ساڭا ئى خۇدا، كىشىلەر كۈتمەكتە سېنى سىئوندا. ۋەدىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرار ئۇلار شۇ جايدا.

2 دۇئالارنى ئاڭلىغۇچى ئى خۇدا، ھەممە ئىنسان كېلىدۇ سېنىڭ ئالدىڭغا.

3 گۇناھلار بېسىۋالغان بولسىمۇ بىزنى، كەچۈرۈم قىلىسەن گۇناھلىرىمىزنى.

4 نەقەدەر بەختلىكتۇر سەن ئۆزۈڭگە يېقىن قىلىپ تاللىغان كىشىلەر، ياشار ئۇلار مۇقەددەس ھويلىلىرىڭدا، بولىمىز مەمنۇن ئۆيۈڭنىڭ بەرىكىتىدىن، ئىبادەتخاناڭنىڭ مۇقەددەسلىكىدىن.

5 ئۇلۇغ غەلىبەڭ بىلەن جاۋاب بېرىسەن بىزگە، ئى قۇتقۇزغۇچىمىز خۇدا. ئۈمىدىسەن بارچە ئىنساننىڭ، تاكى چېتىدىكىلەرگىچە زېمىننىڭ.

6 قۇدرەت بىلەن باغلاپ بېلىڭنى، كۈچۈڭ بىلەن تىكلىدىڭ تاغلارنى.

7 تىنچىتىسەن دېڭىزلارنىڭ شاۋقۇنلىرىنى، ھەم يات ئەللەرنىڭ توپىلاڭلىرىنى.

8 ئەيمىنەر كارامەتلىرىڭدىن يىراقتىكى ئەللەر، شەرقتىن-غەربكىچە كۈي ياڭرىتار خەلقلەر.

9 سەن يەرگە كۆڭۈل بۆلۈپ، سۇ بىلەن سۇغىرىپ ئۇنى بەكمۇ مۇنبەتلەشتۈردۈڭ زېمىنىڭنى. سۇغا تولدۇردۇڭ ئېرىق، ئۆستەڭ، دەريالىرىڭنى، ئاشلىق بىلەن تەمىنلەشكە بەندىلىرىڭنى. سەن نېسىپ قىلدىڭ شۇنداق بولۇشنى.

10 تولدۇرۇپ سۇغا چۆنەكلەرنى، تاراشلايسەن قىرلىرىنى. يامغۇر بىلەن يۇمشىتىپ يەرنى، ئۈندۈرىسەن ئۇندا مول زىرائەتلەرنى.

11 مول ھوسۇلنى بېشىغا تاج قىلىپ تاقايسەن يىللارنىڭ، باي-باياشات، توق بولار يەتكەنلا جايلار قەدىمىڭ.

12 قويۇق ۋە ئەلۋەك بولار دالادىكى ئوتلاقلار، تاغ-داۋانلارمۇ بېلىنى شادلىق كەمىرىدە باغلار.

13 ئېكىن كەبى ياراشقان قويلار توپى ئوتلاققا، زىرائەت ۋە مايسىلار تولۇپ كەتكەن جىلغىغا. شۇڭا ئۇلار ناخشا ئېيتار ياڭرىتىپ شادلىقتا.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan