زەبۇر 64 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى64-مۇناجات داۋۇت يازغان مۇناجات بولۇپ، ناخشا قىلىپ ئېيتىلسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان. 1 قۇلاق سالغىن ئى خۇدا، ئاڭلا مېنىڭ ئاھىمنى، دۈشمەنلەرنىڭ قەستىدىن قوغدىغىن ھاياتىمنى. 2 ساقلىغىن مېنى ئۆزۈڭ رەزىللەرنىڭ سۇيىقەستىدىن، ئامان قىل ھاياتىمنى يامانلارنىڭ قەستىدىن. 3 بەئەينى شەمشەر كەبى ئۆتكۈر ئۇلارنىڭ تىللىرى، خۇددى ئوقيادەك بەتلەكلىك ئۇلارنىڭ زەھەر سۆزلىرى. 4 يوشۇرۇن ئاتار ئۇلار گۇناھسىز كىشىلەرنى، تۇيۇقسىز ئوققا تۇتار تەپ تارتماستىن ئۇلارنى. 5 بەتنىيەتلىك قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ بىر-بىرىنى، مەسلىھەتلىشەر ئۆزئارا يوشۇرۇن تۇزاق قۇرۇشنى، ئويلايدۇ ئۇلار: «كىم بىلىپ قالاتتى بۇ ئىشلارنى.» 6 دەيدۇ ئۇلار ھەرخىل سۇيىقەست ئويلاپ چىقىپ: «مۇكەممەل پىلان تۈزدۇق بىرلىشىپ.» نېمىدېگەن سىرلىق ھە، ئىنساننىڭ ئىچكى دۇنياسى. 7 ئەمما خۇدا ئۇلارغا ئوق ئاتار، ئۇلار تۇيۇقسىز يارىدار بولار. 8 تىللىرىدىن ئىلىنىپ گۇمران بۇلار، ئۇلارنى كۆرگەنلەر مەسخىرە قىلار. 9 قورقۇنچ باسار ھەممە ئىنسانلارنى، ئويلىغاندا خۇدانىڭ قۇدرىتىنى، بايان قىلار ئۇنىڭ كارامەتلىرىنى. 10 ھەققانىيلار شادلانسۇن پەرۋەردىگاردىن دائىما، پاناھ تاپسۇن ھەم ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ قوينىدا، قەلبى پاكلار ھەمدۇسانا ئېيتسۇن ئۇنىڭغا. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti