Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

زەبۇر 63 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


63-مۇناجات
داۋۇت يەھۇدا چۆلىدە سەرسان بولۇپ يۈرگەن ۋاقتىدا يازغان مۇناجات

1 پەرۋەردىگارىم ئېتىقاد قىلىمەن ساڭا، ئىزدەيمەن سېنى ئىنتىزار بولۇپ ئى خۇدا. سۇغا تەشنا بولغان قۇرغاق، قاقاس يەر كەبى، تەشنا بولدۇم ئۆزۈڭگە، ۋۇجۇدۇم ئىنتىلەر ساڭا.

2 مۇقەددەس جايدا تۇرۇپ نەزەر سالسام، كۈچ-قۇدرەت، شان-شەرىپىڭنى كۆرۈۋالسام.

3 ھاياتتىنمۇ قىممەتتۇر مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭ، شۇڭا سېنى مەدھىيەلەر تىلىم مېنىڭ.

4 تەرىپلەيمەن ئىگەم سېنى جېنىم تەندە بولسىلا، قوللىرىمنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىمەن ساڭىلا.

5-6 ئورنۇمدا يېتىپ خۇدا سېنى ئويلىسام، كېچىلىرى سەن ھەققىدە خىيال قىلسام، شادلىققا چۆمۈپ مەدھىيەلەر تۆكۈلەر ئاغزىمدىن، قورسىقىم تويغاندەك مول داستىخاندىن، روھىم تويدى سېنىڭ مول ئىلتىپاتىڭدىن.

7 سەن مەدەتكار بولۇپ كەلدىڭ ماڭا ئى خۇدا، كۈيلەيمەن سېنى قاناتلىرىڭ سايىسىدا.

8 بىردىنبىر تايانچىم بىلدىم سېنى، ئوڭ قولۇڭ يۆلەر مېنى.

9 ئەمما تېگى يوق گۆرگە چۈشەر، جېنىمنىڭ پېيىگە چۈشكەنلەر.

10 قىلىچتا ئېلىنار ئۇلارنىڭ جانلىرى، چىلبۆرىگە يەم بولار ھەم ئۇلارنىڭ تەنلىرى.

11 ئىشىنىمەنكى پادىشاھ خۇدادىن خۇرسەن بولار، «خۇدا گۇۋاھ» دەپ قەسەم ئىچكەنلەر خۇدانى ئۇلۇغلار، بەرھەق، يالغان سۆزلىگەنلەرنىڭ زۇۋانى تۇتۇلار.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan