Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

زەبۇر 62 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


62-مۇناجات
داۋۇت يازغان مۇناجات بولۇپ، «يىدۇتۇن» ئاھاڭىدا ئېيتىلسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان.

1 ئارام تاپار جېنىم پەقەت خۇدادىن، نىجاتلىقمۇ ماڭا پەقەت كېلەر ئۇنىڭدىن.

2 قورام تېشىم، نىجاتكارىم پەقەت خۇدادۇر، تەۋرەنمەسمەن چۈنكى ئۇ قورغىنىمدۇر.

3-4 ئەي رەزىللەر قاچانغىچە ماڭا ھۇجۇم قىلىسىلەر؟ قاچانغىچە ھەممىڭلار مېنى ئۆلتۈرمەكچى بولىسىلەر؟ خۇددى يىقىتقاندەك قىيسىيىپ قالغان تام، لىڭشىپ قالغان قاشانى، سىلەرنىڭ قەستىڭلار ھەيۋەتلىك ئورنۇمدىن يىقىتىشتۇر مېنى. شۇنچە ئامراق سىلەر يالغانچىلىققا، بەخت تىلىگىنىڭلار بىلەن ئېغىزىڭلاردا، قارغايسىلەر ئىچىڭلاردا. سېلاھ

5 پەقەت خۇدادىنلا ئارام تاپ ئەي جېنىم، چۈنكى ئۇنىڭدىدۇر مېنىڭ بارلىق ئۈمىدىم.

6 قورام تېشىم، نىجاتكارىم پەقەت خۇدادۇر، تەۋرەنمەسمەن چۈنكى ئۇ قورغىنىمدۇر.

7 نىجاتلىقىم، شان-شۆھرىتىم خۇدادىن كېلۇر، خۇدا مېنىڭ باشپاناھىم، قورام تېشىمدۇر.

8 ئەي خالايىق ھەر دائىم ئىشىنىڭلار خۇداغا، ئىزھار ئەيلەپ كۆڭۈل ۋە دەردىڭلارنى ئۇنىڭغا. چۈنكى پەرۋەردىگار بىزگە بولىدۇ بىر پاناھگاھ. سېلاھ

9 ئىنسان پەقەت بىرلا تىنىقتۇر، شۆھرىتىمۇ ئۇنىڭ قۇرۇقتۇر. كۆتۈرۈلۈپ كېتەر سېلىنسا تارازىغا ئۇلار، چۈنكى ئۇلار بىر تىنىقتىنمۇ يېنىكتۇر.

10 تايانما زومىگەرلىككە، ئۈمىد باغلىما بۇلاڭچىلىققا. ئەگەردە بايلىقىڭ ئاۋۇسا، كۆڭۈل بەرمە ئۇنىڭغا.

11-12 خۇدا دېدىڭ: «كۈچ-قۇدرەت مەنسۇپتۇر ماڭا.» تەكىتلىدىڭ: «مەڭگۈلۈك مۇھەببەت تەۋەدۇر ماڭا.» بەرھەق، سەن قايتۇرىسەن ھەربىر ئىنسانغا، قىلغان ئەمەللىرىگە يارىشا.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan