Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

زەبۇر 61 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


61-مۇناجات
داۋۇت يازغان مۇناجات بولۇپ، تارلىق سازلار تەڭكىشىدە ئېيتىلسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان.

1 ئى خۇدا، ئاڭلىغايسەن پەريادىمنى، قوبۇل قىلغىن ساڭا قىلغان دۇئايىمنى.

2 چۈشكۈنلۈك باسقاندا قەلبىمنى، ئىلتىجا قىلىمەن يىراقتىن ساڭا، يېتەكلىگىن مېنى پاناھلىنىدىغان ئېگىز قورام تاشقا.

3 شۈبھىسىزكى، سەن مېنىڭ باشپاناھىم، دۈشمىنىمدىن قوغدايدىغان مۇستەھكەم قورغىنىم.

4 چېدىرىڭنى مەڭگۈلۈك ماكان قىلاي، قاناتلىرىڭنىڭ سايىسىدا پاناھ تاپاي. سېلاھ

5 ئى خۇدا، ئاڭلاپ سەن قەسەملىرىمنى، بەردىڭ ماڭا، ساڭا ئىخلاس قىلغانلارغا ئاتىغان بەختنى.

6 ئۇزارتىپ پادىشاھنىڭ ئۆمرىنى، ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە داۋام ئەتكىن تەختىنى.

7 ئى خۇدا، ئۇ مەڭگۈ ھۆكۈم سۈرسۇن كۆز ئالدىڭدا، قوغدىغاي ئۇنى مۇھەببىتىڭ ۋە ساداقىتىڭ دائىما.

8 نەغمە-ناۋا قىلاي مەڭگۈ ئاتاپ سېنىڭ نامىڭغا، ساڭا بەرگەن قەسەملىرىمنى ھەر كۈنى قىلىپ ئادا.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan