زەبۇر 60 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى60-مۇناجات داۋۇت يازغان تەربىيەۋى قىممەتكە ئىگە بىر مىقتام بولۇپ، «گۇۋاھلىق نېلۇپەرى» دېگەن ئاھاڭدا ئېيتىلسۇن دەپ، نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلغان. ئۇشبۇ مىقتام داۋۇت ئاررام-ناخارايىم ۋە ئاررام-زوباھلىقلار بىلەن جەڭ قىلغاندىن كېيىن، ھەمدە لەشكەر بېشى يوئاب تۇز جىلغىسىدا ئىدوملۇقلاردىن ئون ئىككى مىڭ ئادەمنى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن يېزىلغان. 1 ئى خۇدا، يەر بىلەن يەكسان قىلدىڭ رەت قىلىپ بىزنى، غەزەپلەندىڭ، ئەمدى قايتۇر يېنىڭغا ھەممىمىزنى. 2 سەن تەۋرىتىپ ئېچىۋەتتىڭ يەر-زېمىننى، مانا سىلكىنمەكتە يەر، ئوڭشا ئۇنى. 3 ئى خۇدا، ئازاب سالدىڭ ئۆز خەلقىڭگە، جازا شارابىنى ئىچكۈزدىڭ بىزگە. 4 ئەمما تىكلىدىڭ بەلگە تۇغى ساڭا ئىخلاسى بارلارغا، پاناھلانغاي دەپ ياۋ ئوقيالىرىدىن قېچىپ ئۇنىڭغا. سېلاھ 5 ئوڭ قولۇڭدا قۇتقۇز بىزنى قىلىپ بىزگە ئىجابەت، ئۆزۈڭ سۆيگەن بەندىلىرىڭ تاپسۇن شۇندا نىجات. 6 خۇدا شۇنداق دەيدۇ ئۆز مۇقەددەسلىكى بىلەن: «شادلىقتا خەلقىمگە بۆلۈپ بېرىمەن شەكەم دىيارىنى، تەقسىم قىلىپ بېرىمەن سۇككوت ۋادىسىنى. 7 گىلئاد رايونى مەنسۇپتۇر ماڭا، ماناسسەمۇ ھەم تەئەللۇق ماڭا. ئەفرايىم _ بېشىمدىكى دۇبۇلغامدۇر، يەھۇدا مېنىڭ سەلتەنەت ھاسامدۇر. 8 پۇت يۇيىدىغان قاچىدۇر موئاب ماڭا، چورۇقۇمنى تاشلايمەن ئىدومغا. چۇقان سالىمەن، فىلىستىيە ئۈستىدىن غەلىبە قىلغىنىمغا.» 9 كىم مېنى ئىدومغا زەپەر بىلەن باشلاپ كىرەر، كىم مېنى ئۇ مۇستەھكەم شەھەرگە باشلاپ بارار؟ 10 ئى خۇدا، بىزدىن ۋاز كەچتىڭمۇ؟ بىز بىلەن بىرگە بولمىدىڭ جەڭدىمۇ. 11 دۈشمەنگە قارشى بىزگە بول ياردەمدە، بىھۇدىدۇر زەپەر قازىنىش ئىنساننىڭ ياردىمىدە. 12 خۇدانىڭ قۇدرىتى بىلەن كۈرەش قىلىمىز باتۇرلارچە، ئىگەم ئۆزى مەغلۇپ قىلار دۈشمىنىمىز تۈگىگۈچە. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti