زەبۇر 6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى6-مۇناجات داۋۇت يازغان مۇناجات بولۇپ، سەككىز تارلىق سازلار تەڭكىشىدە ئېيتىلسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان. 1 ئى پەرۋەردىگار، مېنى قەھرىڭ بىلەن ئەيىبلىمە، ماڭا غەزىپىڭدە تەربىيە بەرمە. 2 ئى پەرۋەردىگار، رەھىم قىل ماڭا، زەئىپلىشىپ كەتتىم قەۋەتلا. ئى پەرۋەردىگار، شىپالىق بەرگىن ماڭا، بوشىشىپ كەتتى ئۇستىخانلىرىم بىراقلا. 3 ئى پەرۋەردىگار، ھەسرەت تولدى قەلبىمگە، يۈرەرمەن بۇ ئەھۋالدا قاچانغىچە؟ 4 ئۆتۈنەي پەرۋەردىگار، ساقلاپ قالغىن جېنىمنى، مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭدە قۇتقۇز مېنى. 5 چۈنكى ھېچكىم سېنى ئەسلىمەس ئۆلسە، كىم ساڭا رەھمەت ئېيتار گۆر ئىچىدە. 6 ھېچ مادارىم قالمىدى نالە-پەرياد قىلىپ ساڭا، كۆز يېشىم دەريا بولۇر ھەر كېچىسى ئورنۇمدا. 7 كۆزلىرىمنىڭ نۇرى كەتتى دەرد-ئەلەمدىن، ئاجىزلاشتى كۆزلىرىم دۈشمەنلىرىم دەستىدىن. 8 بەرھەق، قۇلاق سالدى زارىمغا پەرۋەردىگار، يوقىلىڭلار يېنىمدىن ئەي يامانلىق قىلغۇچىلار. 9 پەرۋەردىگار ئاڭلاپ ئىلتىجايىمنى، قوبۇل قىلدى دۇئايىمنى. 10 قالار ھەممە دۈشمەنلىرىم نومۇس ۋە ۋەھىمىدە، تۇيۇقسىزلا چېكىنەر، بولۇپ شەرمەندە. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti