Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

زەبۇر 59 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


59-مۇناجات
داۋۇت بۇ مىقتامنى پادىشاھ سائۇل پايلاقچىلارنى ئەۋەتىپ ئۇنى كۆزىتىپ تۇرۇشقا ۋە پۇرسىتى كەلگەندە ئۆلتۈرۈۋېتىشكە بۇيرۇق قىلغاندا يازغان.

1 قۇتقۇز ئىگەم مېنى رەقىبلىرىمدىن، قوغدا مېنى ماڭا قارشى تۇرغانلاردىن.

2 قۇتقۇزغايسەن يامانلارنىڭ قولىدىن، ئازاد قىلغىن قانخورلارنىڭ قوينىدىن.

3-4 جېنىمنى ئالماق ئۈچۈن ئۇلار پايلاپ يۈرمەكتە، نە جىنايەت، نە گۇناھلار بولسۇن مېنىڭدە. ۋەھشىيلەر بىرلىشىپ ماڭا سۇيىقەست قىلماقتا، ھېچ يامانلىق قىلمىساممۇ ئۇلارغا. ئۇلار تەييار بولماقتا ماڭا ھۇجۇم قىلىشقا، كەلگىن ماڭا ياردەم بېرىشكە، نەزەر سېلىپ مېنىڭ ئۇشبۇ ھالىمغا.

5 ئى پەرۋەردىگار _ قۇدرەتلىك سەردار خۇدا، ئى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا، كەلگىن بارلىق خۇداسىزلارنى جازالاشقا، شەپقەت قىلمىغىن رەزىل ساتقۇنلارغا. سېلاھ

6 ھەر ئاخشىمى كېلەر ئۇلار، لالما ئىتتەك شەھەردە ھاۋشىپ يۈرەر،

7 توختىماستىن ئېغىزلىرىدىن يامانلىق چىقار، تىللىرى ئۇلارنىڭ خەنجەرگە ئوخشار، ئىچىدە «قىلغانلىرىمىزنى كىممۇ بىلەر» دەپ ئويلار.

8 لېكىن خۇدا سەن ئۇلار ئۈستىدىن كۈلىسەن، بارلىق خۇداسىز ئەللەرنى مازاق قىلىسەن.

9 ساڭا تەلمۈرىمەن ئى كۈچ-قۇدرىتىم خۇدا، چۈنكى باشپاناھىمدۇرسەن ماڭا دائىما.

10 ۋاپادار پەرۋەردىگار ماڭا كېلىپ ياردەم بېرەر، دۈشمەنلىرىمنىڭ مەغلۇبىيىتىنى كۆرسىتەر.

11 ئى قالقىنىمىز بولغان ئىگەم، ھالاك قىلما ئۇلارنى، ئۇنتۇمىسۇن خەلقىم ئۇلارنىڭ ھالىنى، قۇدرىتىڭ بىلەن سەرسان قىلغىن ئۇلارنى، يەرگە قاراتقىن ئۇلارنىڭ يۈزلىرىنى.

12 ئېغىزلىرى تولغاندۇر يامانلىققا، زەھەر تامار تىللىرىدىن ئۇلارنىڭ، يامان سۆز ۋە يالغانچىلىقلىرى، تۇمشۇقىدىن ئىلگەي تەكەببۇرلۇقىنىڭ.

13 غەزىپىڭدە يوق قىل ئۇلارنى، قىرىپ تاشلا قالدۇرماي بىرىنى. ئايان بولسۇن پۈتۈن دۇنياغا، ياقۇپ ئەۋلادلىرىغا خۇدانىڭ ھۆكۈمران ئىكەنلىكى. سېلاھ

14 ھەر ئاخشىمى كېلەر ئۇلار، لالما ئىتتەك شەھەردە ھاۋشىپ يۈرەر.

15 ئوزۇق ئىزدەپ ھەريانغا قاترار، تاپالمىسا ئەگەر ئاچ قېلىپ ھۇۋلار.

16 ۋاھالەنكى، مەن كۈيلەيمەن قۇدرىتىڭنى، ھەر سەھەردە، مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭنى. چۈنكى سەن مېنىڭ قورغىنىمسەن، ئېغىر كۈنلەردە پاناھگاھىمسەن.

17 ئى ماڭا كۈچ-قۇۋۋەت بولغان ئىگەم، باردۇر ساڭا مېنىڭ مەدھىيەم. سەن مېنىڭ مۇستەھكەم قورغىنىمدۇرسەن، ماڭا مۇھەببەت كۆرسەتكۈچى خۇدادۇرسەن.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan