زەبۇر 58 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى58-مۇناجات داۋۇت يازغان مىقتام بولۇپ، «ھالاك قىلمىغىن» دېگەن ئاھاڭدا ئېيتىلسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان. 1 چىقىرامسىلەر ھەق قارار ھۆكۈمدارلار راستتىنلا؟ ئادىلمىدۇ خەلقنىڭ ئۈستىدىكى ھۆكۈمىڭلا؟ 2 ياق، كۆڭلۈڭلاردا يامانلىق ئويلاپ قارار چىقىرىسىلەر، يەر يۈزىدە ئۆزۈڭلار زوراۋانلىق قىلىسىلەر. 3 رەزىللەر ئاداشقاندۇر بالىياتقۇدىن چىققاندىلا، يالغانچىلار يولدىن ئازار ئانىسىدىن تۇغۇلۇپلا. 4-5 زەھەرخەندىدۇر ئۇلار زەھەرلىك يىلان كەبى، جاھىللىقى ئۇلارنىڭ نەي ئاۋازىنى ئاڭلىمايدىغان كوبرا بەئەينى، يىلان ئويناتقۇچىنىڭ مۇڭلۇق كۈيىنى ئاڭلىماس ئۇلار قەتئىي. 6 ئى خۇدا، ئۇرۇپ سۇندۇرۇۋەتكىن ئۇلارنىڭ چىشلىرىنى، ئى ئىگەم، يۇلۇۋەتكىن ئۇ شىرلارنىڭ توڭكاي چىشلىرىنى. 7 ئۇلار خۇددى ئېقىپ كەتكەن سۇلار كەبى يوقالسۇن، ئوقيالىرىنى بەتلىسە، ئوقى شۇئان سۇنۇپ كەتسۇن. 8 ئارىمىزدىن يوقالسۇن ئۇلار خۇددى قۇلۇلىلەر ماڭغانسېرى ئېرىپ يوقالغاندەك، كۈن كۆرمىسۇن ئۇلار ئايالنىڭ بويىدىن چۈشۈپ كەتكەن بوۋاقتەك. 9 تىكەن يېقىلىپ ئوچاقتا قازان سەزگۈچە ئىسسىقىنى، ئى خۇدا، يوقۇتىۋەتكىن ئۇلارنى _ ياش-قېرىلارنىڭ ھەممىسىنى. 10 يامانلارنى جازالىسا خۇدايىم ھەققانىيلار خۇش بولار، يامانلارنىڭ قېنىدا پۇتلىرىنى يۇيىدۇ ئۇلار. 11 شۇڭا دەركى ئىنسانلار: «ھەققانىيلار ئىنئام ئالۇر، شۈبھىسىزكى، يەر يۈزىدە سوراق قىلغۇچى خۇدا باردۇر.» |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti