Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

زەبۇر 57 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


57-مۇناجات
داۋۇت يازغان مىقتام بولۇپ، «ھالاك قىلمىغىن» دېگەن ئاھاڭدا ئېيتىلسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان. داۋۇت بۇ مۇناجاتنى سائۇل پادىشاھتىن قېچىپ، بىر ئۆڭكۈرگە يوشۇرۇنۇۋالغان چېغىدا يازغان.

1 شەپقەت كۆرسەتكىن ئى خۇدا، شەپقەت كۆرسەتكىن ماڭا. چۈنكى مەن پاناھ تاپارمەن سەندە، قاناتلىرىڭنىڭ ئاستىدا، تاكى خەتەر ئۆتۈپ كەتكۈچە.

2 نىدا قىلارمەن خۇداغا _ ئۇلۇغ بولغۇچىغا، مەن ھەققىدىكى ئىرادىسىنى ئىجرا قىلغۇچىغا.

3 ئۇ ئەرشتىن ئەۋەتەر نىجاتلىقىنى، شەرمەندە قىلار مېنى خارلىغانلارنى، سېلاھ كۆرسىتەر ماڭا مۇھەببىتى ۋە ساداقىتىنى.

4 مەن ياتارمەن ئارىسىدا شىرلارنىڭ، ئادەم گۆشى يەيدىغان ئاچ كۆزلەرنىڭ. تىللىرى خۇددى ئۆتكۈر قىلىچ بولسا، نەيزە ۋە ئوقلار كەبى چىشلىرى ئۇلارنىڭ.

5 ئى خۇدا، ئۇلۇغلۇقىڭ كۆرسىتىلگەي ئاسمان-پەلەكتە، شان-شەرىپىڭ نامايان بولغاي پۈتكۈل يەر يۈزىدە.

6 تۇزاق قۇرار يوللىرىمغا رەقىبلىرىم، ئەلەملەردىن ئېزىلدى بۇ يۈرەكلىرىم. ئۇلار ئورا كولىۋىدى يوللىرىمغا، ئۆزلىرى چۈشتى قازغان ئورىلىرىغا. سېلاھ

7 ئىشەنچىم كامىل خۇدا، ئىشەنچىم كامىل ساڭا، شۇڭا مەدھىيە ئوقۇپ ئېيتىمەن ساڭا ناخشا.

8 ئويغان ئەي روھىم! سايرا لىرا، چىلتارىم! ئويغىتايلى تاڭنى نەغمە-ساز بىلەن، ئويغىتايلى تاڭنى مەدھىيە بىلەن.

9 ھەمدۇسانا ئېيتىمەن ساڭا، ئى ئىگەم خۇدا، سېنى كۈيلەيمەن بارچە ئەل، خەلقىئالەم ئارا.

10 چۈنكى مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭ ئاسمان كەبى بىپايان، ساداقىتىڭ شۇنچە مولدۇر بۇلۇتلارغا تاقاشقان.

11 ئى خۇدا، ئۇلۇغلۇقىڭ كۆرسىتىلگەي ئاسمان-پەلەكتە، شان-شەرىپىڭ نامايان بولغاي پۈتكۈل يەر يۈزىدە.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan