زەبۇر 56 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى56-مۇناجات ئۇ داۋۇت يازغان مىقتام بولۇپ، «يىراقتىكى ئۈنسىز كەپتەر» دېگەن ئاھاڭدا ئېيتىلسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان. داۋۇت بۇ مۇناجاتنى فىلىستىيەلىكلەر ئۇنى گات دېگەن شەھەردە تۇتۇۋالغاندا يازغان. 1 شەپقەت قىلغىن ماڭا، ئى خۇدا. كىشىلەر قىلىپ مېنى دەپسەندە، كۈنبويى قىيناپ، بەكلا ئەزمەكتە. 2 رەقىبلىرىم زىيانكەشلىك قىلىشقا ئۇرۇنماقتا. تەكەببۇرلىشىپ ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىرى، ماڭا قارشى جەڭگى-جېدەل چىقارماقتا. 3-4 ئىشەنچ قىلدىم ساڭا خۇدا قورققان چېغىمدا، ۋەدىلىرىڭ بولغاچ مېنىڭ يۈرىكىمنىڭ چوڭقۇر قېتىدا. ئىشەنچىم بولغاچ خۇدا ساڭا ئەزەلدىنلا، قورقمىدىم، نېمىمۇ قىلالار دەپ ئىنسان ماڭا. 5 بۇرمىلار ئۇلار مېنىڭ سۆزلىرىمنى دائىما، خىياللىرى ئۇلارنىڭ زىيانكەشلىك قىلىشتۇر ماڭا. 6 ئۇلار ماڭا يوشۇرۇن ھالدا ھۇجۇمغا چىقماقتا، چۈشۈپ مېنىڭ پېيىمگە ھاياتىمغا قەست قىلماقتا. 7 جازاسىز قالارمۇ ئۇلار گۇناھى تۇرۇپمۇ شۇنچە؟! ئى خۇدا، ئۇلارنى گۇمران قىلغايسەن قەھرىڭدە. 8 خاتىرىلەپ قويغانسەن بۇ سەرسانچىلىقلىرىمنى، تۇلۇمغا قاچىلاپ قويغانسەن كۆز ياشلىرىمنى، يېزىپ قويغانسەن دەپتىرىڭگە بۇلارنى. 9 دۈشمەنلىرىم چېكىنەر ئىلتىجا قىلسام ساڭا، شۈبھىسىزكى، مەن تەرەپتىدۇرسەن، ئى خۇدا. 10 ئۇلۇغلارمەن خۇدانى ۋە ئۇنىڭ ماڭا بەرگەن ۋەدىلىرىنى، ئۇلۇغلارمەن ئىگەمنى ۋە ئۇنىڭ ماڭا ئېيتقان سۆزلىرىنى. 11 ئىشەنچىم بولغاچ خۇدا ساڭا ئەزەلدىنلا، قورقمىدىم، نېمىمۇ قىلالار دەپ ئىنسان ماڭا. 12 تۇرمىسام بولماس ۋەدىلىرىمدە، ئى خۇدا، سۇنىمەن شۇڭا شۈكۈر قۇربانلىقلىرىمنى ساڭا. 13 چۈنكى مېنى قۇتقۇزۇپ قالدىڭ ئۆلۈمدىن، ساقلىدىڭ ھەم پۇتلىرىمنى پۇتلىشىپ كېتىشتىن. مەقسىتىڭ مېنى ئامان يۈرسۇن دەپ ئالدىڭدا، ماڭسۇن دەپ ھەم ھاياتلىق نۇرۇڭدا. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti