Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

زەبۇر 55 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


55-مۇناجات
داۋۇت يازغان تەربىيەۋى مۇناجات بولۇپ، تارلىق سازدا تەڭكەش قىلىنىپ ئېيتىلسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان.

1 قۇلاق سالغىن دۇئايىمغا ئى خۇدا، بىپەرۋا بولمىغىن ئىلتىجايىمغا.

2 جاۋاب بەرگىن نەزەر سېلىپ بۇ ھالىمغا، يۈرىمەن قاقشاپ، پەرىشانمەن دائىما.

3 سالدى دۈشمەنلەر تەھدىت ماڭا، رەزىللەر سالماقتا جەبىر-جاپا. شىكايەت قىلار ئۇلار ماڭا، قەھرىدىن بالا ياغار بېشىمغا.

4 يۈرىكىم سىقىلار قەپىسىدە، ۋۇجۇدۇم بېسىلار ئۆلۈم تەشۋىشىدە.

5 ئەنسىزلىك چىرماپ ئالدى جىسمىمنى، ۋەھىمە، تىترەكلەر قاپلىماقتا مېنى.

6 بولسا ئىدى قانىتىم كەپتەرلەر كەبى، پەرۋاز قىلىپ تاپار ئىدىم ئارامگاھنى.

7 دەر ھەقىقەت قېچىپ بېرىپ يىراقلارغا، قونار ئىدىم چۆل-جەزىرە، باياۋانغا. سېلاھ

8 ئۇ يەرلەردىن بىر پاناھ جاي تاپار ئىدىم، بوران-چاپقۇن، قۇيۇنلاردىن قۇتۇلار ئىدىم.

9 ئى ئىگەم، بىسەرەمجان قىلىپ ياۋلىرىمنى، بۆلىۋەتكىن بىرقانچىغا تىللىرىنى. چۈنكى كۆردۈممەن شەھىرىمىزدە زوراۋاننىڭ ھەرىكىتى ۋە جېدىلىنى.

10-11 قاراۋۇللۇق قىلار ئۇلار كېچە-كۈندۈز، ئايلىنىپ يۈرۈپ شەھەر سېپىلىنى. ۋاھالەنكى، قاپلىغان شەھەرنى جىنايەت ۋە شۇملۇق، ئۆز ئىلكىگە ئالغان زۇلۇم، ھىيلە ۋە بۇزۇقچىلىق.

12 دۈشمەنلىرىم ئەمەس ماڭا ھاقارەت قىلغانلار، بولمىسا سەۋر-تاقەت قىلار ئىدىم. ئۆچمەنلىرىم ئەمەس مېنى كەمسىتكەنلەر، بولمىسا ئۇلاردىن ئۆزۈمنى قاچۇرار ئىدىم.

13 ئەمما بۇنى قىلغۇچى دەل سەن _ مېنىڭ يېقىنىم، جانجىگەر دوستۇم ۋە ياخشى ھەمراھىم.

14 بىز سىرداش دوستلار ئىدۇق، مۇقەددەس ئىبادەتخانا ھويلىسىدا جامائەت ئارىسىدا بىللە يۈرگەنىدۇق.

15 ئۆلۈم دۈشمەنلىرىمنى قوينىغا ئالسۇن تۇيۇقسىزلا، تىرىك كەتسۇن ئۇلار ئۆلۈكلەر ماكانىغا، چۈنكى رەزىللىك ماكان تۇتار ئۇلارنىڭ دىللىرىدا.

16 ئىلتىجا قىلارمەن يالۋۇرۇپ خۇداغا، پەرۋەردىگارىم نىجاتلىق بېرەر ماڭا.

17 پەرياد قىلسام تۆكۈپ دەردىمنى، خۇدا ئاڭلار ئاۋازىمنى، ئەتىگەن، چۈش ۋە ئاخشىمى.

18 گەرچە شۇنچە كۆپ بولسىمۇ، قارشى چىققانلار ماڭا. ئۇ قۇتقۇزار جەڭلەردە مېنى، زەرەر يەتكۈزمەي جېنىمغا.

19 ئەزەلدىن ھۆكۈم سۈرۈپ كەلگۈچى، ئاڭلاپ مېنىڭ دۇئالىرىمنى، سېلاھ مات قىلار دۈشمەنلىرىمنى. چۈنكى ئۇلار يانماس يولىدىن، قورقماس ھەم خۇدايىمدىن.

20 ئۇ ھەمراھىم مۇشت كۆتۈردى، ئۆزىنى دوست بىلگەنلەرگە. خىلاپلىق قىلدى ئۇ ھەم دوستىغا بەرگەن ۋەدىسىگە.

21 سېرىق مايدىن سىلىقتۇر ئاغزى، بىراق شۇملۇققا تولغاندۇر دىلى. شىكەر-شەربەتتەك سۆزلەر تىلى، لېكىن ئىتتىك شەمشەردەك خەتەرلىكتۇر ئېيتقانلىرى.

22 پەرۋەردىگارغا تاپشۇر غەم-قايغۇڭنى، ئۇ قوللاپ-قۇۋۋەتلەر سېنى. پەرۋەردىگار يىقىتماس ھەرگىز، توغرا يولدا ماڭغان ئادەمنى.

23 ئېھ خۇدا، سەن تاشلايسەن ھالاكەت ھاڭلىرىغا دۈشمەنلىرىمنى، قانخور، ھىيلىگەرلەر ياشىيالماس ئۆمرىنىڭ يېرىمىنى، ئەمما مەن يوقاتماسمەن ساڭا بولغان ئىشەنچىمنى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan