Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

زەبۇر 54 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


54-مۇناجات
بۇ زىفلىقلار سائۇل پادىشاھنىڭ يېنىغا بېرىپ «داۋۇت بىزنىڭ ئارىمىزدا يوشۇرۇنۇپ يۈرىدۇ» دەپ چېقىمچىلىق قىلغاندىن كېيىن داۋۇت يازغان تەربىيەۋى مۇناجات بولۇپ، تارلىق سازلار بىلەن ئورۇنلانسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان.

1 ئى خۇدا، قۇتقۇزغىن ئۆزۈڭ مېنى، قۇدرىتىڭدە قوغدىغىن مېنى.

2 ئى خۇدا، ئاڭلىغىن دۇئالىرىمنى، تىڭشىغىن مۇناجات-نىدالىرىمنى.

3 زوراۋان دۈشمەنلەر قارشى چىقماقتا ماڭا، ئۇلار قەست قىلماقچى ئەزىز جېنىمغا. ئېتىبار بەرمەس ئۇلار ئەسلا خۇداغا.

4 ئىشەنچىم كامىلكى مەدەتكار خۇدا، ئىگىمىز يار-يۆلەك بولىدۇ ماڭا.

5 بەرگەي ئۇ يامانغا يامانچە جازا، ھالاك قىلىپ دۈشمەننى ۋاپادار خۇدا.

6 ئى پەرۋەردىگار، سۇناي ساڭا خالىس قۇربانلىقىمنى، بولغاچقا سەن شاپائەتلىك، مەدھىيەلەيمەن نامىڭنى.

7 شۇنداق خۇدا، بارلىق كۈلپەتلەردىن خالاس قىلدىڭ مېنى، ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم دۈشمەنلىرىمنىڭ مەغلۇبىيىتىنى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan