زەبۇر 53 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى53-مۇناجات داۋۇت يازغان تەربىيەۋى مۇناجات بولۇپ، «ماخالات»تا ئېيتىلسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان. 1 ئەخمەقلەر ئۆز كۆڭلىدە «خۇدا يوق» دەر، ئەسلىدە ئۇلار رەزىل، بۇزۇقلاردۇر. ئۇلاردىن بىرمۇ توغرا يولدا ماڭغۇچى يوقتۇر. 2 ئىنسانغا نەزەر سالار پەرۋەردىگار ئەرشئەلادىن، بارمىدۇ دەپ، ماڭا تەلپۈنگەن بىرەر ئاقىل ئۇلاردىن. 3 ئەمما ئۇلار بۇزۇلغان بولۇپ پاسىق، ئازغۇچى، ھەتتا ئۇلارنىڭ بىرىمۇ ئەمەس توغرا يولدا ماڭغۇچى. 4 بىلمەسمۇ ئەجەبا خۇدانىڭ بارلىقىنى پاسىقلار؟! ئۇلار بۇلاپ خەلقىمنى، ناندەك ئېزىپ يەپ-يۇتار، ئەسلا دۇئا-تىلاۋەت قىلماس خۇداغا ئۇلار. 5 باسار ئۇلارنى شۇنچە كۈچلۈك ۋەھىمە، ھەتتا ھېچبىر قورقۇنچ يوق يەردە. چۈنكى ئەي ئىسرائىل، يانچىۋېتەر خۇدا سېنى قورشاۋغا ئالغانلارنىڭ ئۇستىخانلىرىنى. سەن دەرۋەقە ئۇياتتا قالدۇرىسەن ئۇلارنى، چۈنكى خۇدا رەت قىلغاندۇر يامانلىق قىلغۇچىلارنى. 6 ئېھ، سىئوندىن چىقىپ كەلسە ئىدى نىجاتلىق ئىسرائىللارغا! ياقۇپ ئەۋلادلىرى شادلىنار، ئىسرائىللار چۆمەر خۇشاللىققا، خۇدا ئاسارەتتىكى خەلقىنى ھۆرلۈككە چىقارغاندا. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti