زەبۇر 52 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى52-مۇناجات بۇ مۇناجات، دوئېگ ئىسىملىك بىر ئىدوملۇق، سائۇل پادىشاھنىڭ ئالدىغا بېرىپ، داۋۇتنىڭ روھانىي ئاخىمەلەكنىڭ ئۆيىدە ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلىپ قويغاندىن كېيىن داۋۇت تەرىپىدىن يېزىلغان تەربىيەۋى مۇناجات بولۇپ، ناخشا قىلىپ ئېيتىلسۇن دەپ، نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلغان. 1 نېچۈن ماختىنىسەن رەزىللىكىڭدىن ئەي نوچى؟ مەڭگۈلۈكتۇر خۇدانىڭ ماڭا بولغان مۇھەببىتى. 2 تىلىڭ ئىتتىك، ئوخشار ئۆتكۈر ئۇستىرىغا، ئۇ ئىستەر ۋەيران قىلىشنى، ماھىردۇر يالغانچىلىققا. 3 ئەۋزەل كۆرىسەن ياخشىلىقتىن يامانلىقنى، ھەق سۆزلەشتىن يالغانچىلىقنى. سېلاھ 4-5 ئامراقسەن ئادەمنى تۈگەشتۈرىدىغان يالغان سۆزلەرگە، شۇنىڭ ئۈچۈن خۇدا سېنى يوقىتىدۇ مەڭگۈگە. تۇتۇۋېلىپ ئۇ سېنى تارتىپ چىقار ئۆيۈڭدىن، يىلتىزىڭنى يۇلۇپ تاشلار بۇ پانىي ئالەمدىن. سېلاھ 6 بۇنى كۆرۈپ ھەققانىيلار ھاڭ-تاڭ قالار، ئۇ نوچىنى مۇنداق دەپ زاڭلىق قىلار: 7 «قاراڭلار، بۇ خۇداغا تايانمىغان كۈچلۈك ئادەم ئىدى، ئۇ پەقەت ئۆز بايلىقىغا تايانغانىدى، باشقىلارنى ۋەيران قىلىش بەدىلىگە كۈچلەنگەنىدى.» 8 مەن خۇددى باراقسان ئۆسكەن زەيتۇن دەرىخىمەن، خۇدانىڭ ئۆيىدە مۇستەھكەم گۈللىنىپ ئۆسىمەن، ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىگە مەڭگۈ ئىشىنىمەن. 9 شاپائەتلىك بولغاچ خۇدا، ئۈمىد باغلايمەن ساڭا، تەقۋادار خەلقىڭ ئارىسىدا مەڭگۈ شۈكۈر ئېيتىمەن قىلغان ياخشى ئىشلىرىڭغا. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti