زەبۇر 51 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى51-مۇناجات داۋۇت يازغان مۇناجات بولۇپ، ناخشا قىلىپ ئېيتىلسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان. پادىشاھ داۋۇت باتشەبا دېگەن ئايال بىلەن بىر ئورۇندا ياتقاندىن كېيىن، داۋۇتنىڭ ئالدىغا ناتان پەيغەمبەر كېلىپ خۇدانىڭ سۆزىنى يەتكۈزگەنىدى. شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ داۋۇت بۇ مۇناجاتنى يازغان. 1 رەھىمىڭنى ئىلتىپات ئەيلىگەيسەن، ئى خۇدا، چۈنكى مەڭگۈلۈك مۇھەببەت بار سەندە. كەچۈرگەيسەن مېنىڭ قىلغان گۇناھىمنى، چەكسىز رەھىمدىللىك خىسلىتىڭدە. 2 پاكلىغايسەن ئەتمىشىمدىن ئىگەم مېنى، يۇيۇپ پاكىز مېنىڭ بارلىق گۇناھىمنى. 3 بەرھەق، مېنىڭ ئىقرارىم بار قىلمىشىمغا، گۇناھلىرىم تۇرار دائىم كۆز ئالدىمدا. 4 گۇناھ قىلدىم ئالدى بىلەن سېنىڭ ئالدىڭدا، نەزىرىڭدە رەزىل ئىشلار ئىگىسىمەن ئى خۇدا. ئادالەتنىڭ ئىگىسىسەن پەقەت ئۆزۈڭ، ھەقتۇرسەن ماڭا ھۆكۈم چىقارماققا. 5 گۇناھكارمەن شۈبھىسىزكى تۇغۇلغىنىمدىلا، ھەتتا ئانامنىڭ قارنىدا پەيدا بولغىنىمدىلا. 6 سەن ئىستەيسەن قەلبىمنىڭ پاكلىقىنى، سالغىن يۈرىكىمنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىغا دانالىقىڭنى. 7 تازىلا مېنى لىپەكگۈلدە پاكلىناي، يۇيغىن مېنى قاردىن ئاققا ئايلىناي. 8 كەچۈرگىنىڭنى ئاڭلاپ، شاد-خۇرام بولاي، سەن يانجىغان ئۇستىخانلىرىم ھەم شادلانغاي. 9 نەزىرىڭدىن ساقىت قىلىپ گۇناھلىرىمنى، ئۆچۈرۈۋەتكىن ساڭا قىلغان ئىتائەتسىزلىكىمنى. 10 بىر پاك يۈرەك ئاتا قىلغىن ماڭا رەببىم، ئىخلاسمەن قەلبنى قايتا قىلىپ تەقدىم. 11 قوغلىمىغىن ھۇزۇرۇڭدىن زىنھار مېنى، تارتىۋالما مەندىن مۇقەددەس روھىڭنى. 12 ھېس قىلدۇرغايسەن يېڭىباشتىن نىجاتلىقنىڭ شادلىقىنى، ئاتا قىلغايسەن ماڭا بىر ئىتائەتمەن قەلبنى. 13 شۇندىلا مەن ئازغۇنلارغا ئۆگىتەي چىن يولۇڭنى، گۇناھكارلار توۋا قىلىپ، ماكان قىلسۇن يېنىڭنى. 14 ئېھ خۇدا، نىجاتكارىم خۇدا! قان تۆكۈش جىنايىتىدىن قۇتقۇزغىن مېنى، شۇندا شادلىنىپ، كۈيلەي نىجاتلىقىڭنى. 15 ئى ئىگەم، سۆزلەت مېنىڭ تىلىمنى، ئېيتسۇن ئاغزىم ساڭا بولغان مەدھىيەمنى. 16 ئىستىمەيسەن قۇربانلىق قىلىشنى، بولمىسا قىلار ئىدىم ئۇنى، كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلساممۇ خۇرسەن قىلماس كۆڭلۈڭنى. 17 خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان قۇربانلىق _ دەل قەلبنىڭ پۇشايمىنى، ئى خۇدا، تەرك ئەتمەيسەن پۇشايمان قىلىپ توۋا قىلغان كۆڭۈلنى. 18 شاپائىتىڭ بىلەن ياشناتقايسەن سىئون شەھىرىنى، يېڭىباشتىن قۇرغايسەن يېرۇسالېمنىڭ سېپىللىرىنى. 19 مەمنۇن بولىسەن بېكىتىلگەن قۇربانلىقلاردىن شۇندىلا، قوبۇل قىلىسەن كۆيدۈرمە ۋە پۈتۈن قۇربانلىقلارنى، ئاۋام قۇربانلىق قىلار تورپاقلارنى قۇربانلىق سۇپاڭدا. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti