زەبۇر 50 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى50-مۇناجات ئاساف يازغان مۇناجات 1 قادىر خۇدا _ پەرۋەردىگار خىتاب قىلدى جاھان ئەھلىگە، مەشرىقتىن-مەغرىبقىچە بولغان پۈتكۈل يەر يۈزىدىكىلەرگە. 2 خۇدانىڭ پارلاق نۇرى جۇلالىدى سىئوندىن، گۈزەللىكنىڭ كامالىتى بولغان ئاشۇ ماكاندىن. 3 رەببىمىز سۈكۈت قىلىپ تۇرماس زىنھار، كەلمەكتە ئۇ، ئالدىدا ئوت يالقۇنى يالماپ كېلەر، ئەتراپىدا بوران-چاپقۇن ھۇۋلاپ كېلەر. 4 ئۇ چاقىرىپ ئاسمان بىلەن زېمىننى گۇۋاھلىققا، دەيدۇ مۇنداق، ئۆز خەلقىنى تارتىش ئۈچۈن سوراققا: 5 «ھۇزۇرۇمغا يىغىڭلار ماڭا سادىق خەلقىمنى، قۇربانلىق قىلىپ مەن بىلەن ئەھدە تۈزگەنلەرنى.» 6 ئەرشتە نامايان بولار خۇدانىڭ ھەققانىيلىقى، بەرھەق، ئالەمنىڭ سوراقچىسىدۇر خۇدا ئۆزى. سېلاھ 7 «مەن خۇدادۇرمەن، سىلەرنى ياراتقان خۇدا، ئەي خەلقىم، قۇلاق سېلىڭلار ماڭا، ئەي ئىسرائىل، شىكايىتىم بار ساڭا. 8 قۇربانلىقىڭ ئۈچۈن ئەيىبلىمەيمەن سېنى، ئەيىبلىمەيمەن دائىم ئاتىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقىڭنى. 9 لازىم ئەمەستۇر ماڭا ئېغىلىڭدىكى بۇقىلىرىڭ، ياكى قوتىنىڭدىكى ئۆچكىلىرىڭ. 10 چۈنكى، مېنىڭكىدۇر ئورمانلاردىكى بارلىق ھايۋانلار، مىڭلىغان يايلاقلاردىكى مال-ۋارانلار. 11 ماڭا تەۋەدۇر تاغلاردىكى ئۇچار قاناتلار، دالادىكى جىمى جانىۋارلار. 12 سورىماسمەن سەندىن قورسىقىم ئاچسا ناۋادا، چۈنكى بۇ دۇنيا، ئۇنىڭدىكى مەئىشەتلەر تەۋەدۇر ماڭا. 13 ئەجەبا، مەن يەرمەنمۇ بۇقا گۆشىنى، ئىچەرمەنمۇ ئۆچكە قېنىنى؟! 14 قۇربانلىق سۈپىتىدە شۈكۈرلەرنى ئېيت ماڭا، ۋاپا قىل بەرگەن ۋەدەڭگە مەن ئۇلۇغ خۇداغا. 15 چاقىر مېنى ھەر ۋاقىت كۈن چۈشسە بېشىڭغا، قۇتقۇزىمەن سېنى، ئۇلۇغلايسەن مېنى شۇندا.» 16 ئەمما خۇدا دەيدۇكى رەزىللەرگە: «نېمە ھەققىڭ بار قىرائەت قىلىشقا نىزاملىرىمنى؟ نېمە ھەققىڭ بار تىلغا ئېلىشقا ئەھدەمنى؟ 17 ئۆچ كۆرىدىغان تۇرساڭ تەلىملىرىمنى، رەت قىلىدىغان تۇرساڭ سۆزلىرىمنى. 18 دوستلىشىسەن ئوغرى بىلەن، ئارىلىشىسەن زىناخور بىلەن. 19 پاسىق سۆزلەردىن تارتمايسەن تىلىڭنى، تىلىڭ توقۇپ چىقار يالغانچىلىقلارنى. 20 ئولتۇرۇۋېلىپ قارا چاپلايسەن تۇغقىنىڭغا، تۆھمەت قىلىسەن بىر قورساق قېرىندىشىڭغا. 21 سۈكۈت قىلدىم قىلغىنىڭدا بۇ ئىشلارنى، ئۆزۈڭگە ئوخشاش، دەپ ئويلىدىڭ شۇڭا مېنى. بىراق، مەن ئەيىبلەيمەن چوقۇم سېنى، ئالدىڭغا قويىمەن قىلمىشلىرىڭنى. 22 ئەي مېنى ئۇنتۇغانلار، ياخشى ئويلاڭلار قىلمىشىڭلارنى، بولمىسا بىتچىت قىلىۋېتىمەن ھەممىڭلارنى. ئۇ چاغدا ھېچكىم قۇتقۇزالماس سىلەرنى. 23 قۇربانلىق سۈپىتىدە ماڭا شۈكۈر ئېيتقانلار مېنى ئۇلۇغلار، شۇنداق قىلىپ نىجاتلىقىمغا ئېرىشمەك ئۈچۈن يول ھازىرلار.» |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti