زەبۇر 5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى5-مۇناجات داۋۇت يازغان مۇناجات بولۇپ، نەيگە تەڭكەش قىلىنىپ ئېيتىلسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان. 1 ئېھ پەرۋەردىگار، قۇلاق سالغىن دۇئايىمغا، كۆڭۈل بۆلگىن ئاھۇزارىمغا. 2 ئېھ ئىلاھىم، پادىشاھىم، يەتكىن مېنىڭ ھالىمغا، دۇئا قىلماقتىمەن چۈنكى ساڭا. 3 ئېھ پەرۋەردىگار، ئاڭلايسەن سەھەردە ئاۋازىمنى، تاڭ بىلەن تەڭ ئىلتىجا قىلىپ كۈتىمەن جاۋابىڭنى. 4 خۇدادۇرسەن ياقتۇرمايدىغان يامانلىقنى، ئۆزۈڭگە ھەمراھ قىلمايسەن رەزىللىكنى. 5 نەپرەتلىنىسەن ئەسكىلىك قىلغۇچىلارغا، تىك تۇرالماس ھاكاۋۇرلار ئالدىڭدا. 6 ھالاك قىلىسەن يالغانچىلارنى، ئۆچ كۆرىسەن قانخور، ھىيلىگەرلەرنى. 7 شۇنداق، مەن كىرىمەن سېنىڭ ئۆيۈڭگە، چەكسىز، مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭ بولغاچ ماڭا. سەجدە قىلىمەن مۇقەددەس ئىبادەتخاناڭدا، ئىخلاسىم باردۇر ساڭا. 8 ئى پەرۋەردىگار، باشلىغىن مېنى ھەققانىيلىقىڭدا، چۈنكى پايلاپ يۈرەر دۈشمەنلىرىم ئەتراپىمدا. روشەن قىلغىن ئۆز يولۇڭنى ئالدىمدا. 9 سەمىمىيلىك يوقتۇر ئۇلارنىڭ ئېغىزلىرىدا، رەزىللىك چىرمىۋالغاندۇر دىللىرىنى، ئوچۇق قەبرە كەبىدۇر گاللىرى، خۇشامەتكە تولغاندۇر تىللىرى. 10 ئى خۇدا، بېكىتكەيسەن ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى، ئۆزى كولىغان ئورىدا كۆرسۇن ئۇلار ئۆزلىرىنى. ئىتائەتسىزلىك قىلغاچقا ئۇلار ساڭا، كۆپ گۇناھقا پاتتى ئۇلار، قوغلىۋەتكىن ئۇلارنى. 11 ئەمما سەندىن خۇرسەن بولسۇن پاناھىڭغا ئېرىشكەنلەر، ئۇلار دائىم شادلىنىپ، ياڭراتسۇن ناخشا-كۈيلەر. سەن ئالغايسەن ئۇلارنى قانىتىڭنىڭ ئاستىغا، شۇ ۋاقىتتا سېنىڭدىن شادلىنىدۇ سېنى سۆيگەنلەر. 12 ئى پەرۋەردىگار، بەخت ئاتا قىلىسەن ھەققانىيلارغا، ساخاۋىتىڭنى قالقان قىلىپ، باشپاناھ بولىسەن ئۇلارغا. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti